مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    پۇقرالارنىڭ قايسى مال – مۈلۈكلىرى مىراسقا تەۋە بولىدۇ؟

    ئامانگۈل2017-07-05 12:10:27شىنجاڭ گېزىتى

    ‹‹مىراس›› دېگىنىمىز، پۇقرالارنىڭ ۋاپات بولغاندا قېپقالغان قانۇنلۇق مال – مۈلكىنى كۆرسىتىدۇ. مىراس تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    1.پۇقرالارنىڭ دارامىتى؛

    2. پۇقرالارنىڭ ئۆي – ئىمارەتلىرى، ئامانەت قويغان پۇللىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى؛

    3. پۇقرالارنىڭ دەل – دەرەخ، چارۋا ماللىرى ۋە ئۆي قۇشلىرى؛

    4.پۇقرالار يىغىپ ساقلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كىتاب ماتېرىياللىرى؛

    5.پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق تاپاۋىتىگە سېتىۋالغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى؛

    6. پۇقرالارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مال – مۈلۈك ھوقۇقى؛

    7.پۇقرالارنىڭ باشقا قانۇنىي مال – مۈلۈكلىرى.

    بۇ يەردە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مىراسخورلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. ئەمما ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ:

    1.مىراس قالدۇرغۇچىلارغا قەستەن قاتىللىق قىلغانلار؛

    2. مىراس تالىشىش يۈزىسىدىن باشقا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا قاتىللىق قىلغانلار؛

    3.مىراس قالدۇرغۇچىنى خارلاش ۋە تاشلىۋېتىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛

    4.ۋەسىيەتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى يوق قىلىۋېتىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار.

    مامۇت بارات، ئىبادەت قۇربان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.