مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ۋە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالايلى

    ئامانگۈل2017-06-30 11:12:45شىنجاڭ گېزىتى

    باش ماقالە

     خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، نەتىجىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

     بۇ قېتىمقى يىغىن ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغان، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە ئېچىلغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم يىغىن. يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى، ۋەكىللەر يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن كەسكىن، ئەستايىدىل بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئەستايىدىل كېڭىشىش، مۇزاكىرە قىلىش ئاساسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى ئوڭۇشلۇق سايلاپ چىقىپ، يىغىننىڭ سايلام ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. بۇ بىر قېتىملىق بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلگەن يىغىن، يادروغا سادىق بولۇپ، يادرو قوغدالغان يىغىن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن، ئىنتىزامى چىڭ، ئىستىلى دۇرۇس يىغىن بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايدىغان ئىدىيەۋى ئېڭى، سىياسىي ئېڭى، ھەرىكەت ئېڭىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى، روھىي قىياپىتى ۋە ياخشى ئوبرازىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

     مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، 2017 – يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېقىندا ئېچىلىدۇ. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ مەزگىلدە ئېچىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. بۇ قېتىمقى يىغىندا پارتىيەگە، خەلققە، تارىخقا سادىق بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن سايلاپ چىقىلغان ۋەكىللەر شەرەپنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇشتەك مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى ياخشى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىشەنچىسىنى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن تىلەكلىرىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش؛ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى دىققەتنى باشتىن – ئاخىر ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ.

     ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئالدىمىزغا قويۇلغان ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشقا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، چېگرانى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشكە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

     ھەممەيلەن بىر نىيەتتە بولغاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇپ، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان ئالاھىدە مۇساپىسىگە شاھىت بولغان ھەر بىر قەدەم كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ھەر بىر شىنجاڭلىق باش رولچى بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى بار. دادىل بولغاندىلا ئاندىن يېڭى يول تاپقىلى بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئاندىن ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشتا ھەر بىر كىشىنىڭ ئوچۇق تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى، پۇختا خىزمەت ئىستىلى، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا ھەر بىر كۈننى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر خىزمەتنى ياخشى قىلىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، كىچىك ئېقىندىن دەريا ھاسىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەر بىر شىنجاڭلىقتا ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بولغاندىلا، ھەممەيلەن گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ قۇرغۇچىلىرىدىن بولغاندىلا، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولالايمىز، كۆتۈرەڭگۈ روھنى، ئىسلاھات ئىرادىسىنى، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا چوڭ قەدەم تاشلىيالايمىز.

     كۈچنى توپلاپ قىلىنغان ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقلىدىن پايدىلانغان ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چىڭ تۇتاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، روھنى ئۇرغۇتۇپ، يەڭنى تۈرۈپ، تارىخقا، دەۋرگە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالايلى!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.