مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    سانجى شەھىرىدىكى 4000 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى قىزىل ناخشا ئېيتىپ، پارتىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

    بۇئايشەم2017-06-30 09:22:38تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       تەڭرىتاغ تورى سانجى خەۋىرى: 28-ئىيۇن، سانجى شەھىرىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «باش نىشاننى چۆرىدەپ، 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى» تېمىسىدا قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، سانجى شەھىرىدىكى ئىدارە-ئورۇن، مەكتەپلەردىن كەلگەن 4000 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى جاراڭلىق ناخشىسى بىلەن پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

      جەنۇبىي شىنجاڭدىن سانجىغا ئىشلىگىلى كەلگەن ئابدۇۋەلى ۋە ئەلى ئابدۇللا سانجى ئولتۇراق ئۆي-قۇرۇلۇش سىستېمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ناخشىسى بىلەن پارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇيالىغانلىقىدىن بەكمۇ ھاياجانلانغانلىقى ۋە ناھايىتى خۇشال بولغانلىقى، شۇنىڭدەك پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.