مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قانۇنسىز يىغقان قاشتاش شىركىتى جازالاندى

    ئامانگۈل2017-06-29 18:20:25شىنجاڭ گېزىتى

     ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قاشتاش شىركىتى قاشتاش سېتىش نامى بىلەن 10 مىليون 440 مىڭ يۈەن پۇلنى قانۇنسىز يىغقان، 98 كىشى ئالدانغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئالدامچىلىق قىلىپ قانۇنسىز پۇل يىغىشقا ئالاقىدار بۇ تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى ‹‹جۈندې خەيرۇن›› ئۈنچە – مەرۋايىت، قاشتاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2011 – يىلى 1 – ئايدىن 2012 – يىلى 7 – ئايغىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ‹‹خوتەن قاشتېشىنى مەبلەغ سېلىپ ساقلاش كېلىشىمى›› ئىمزالىغان، كېلىشىمدە ‹‹مەبلەغ سالغۇچىلار قاشتاش سېتىۋېلىش شەكلى بىلەن بۇ شىركەتكە مەبلەغ سالىدۇ، ئۇلار قاشتاشنى ئېلىپ كەتسىمۇ، شىركەتتە قويۇپ ساتسىمۇ بولىدۇ. بىر يىللىق مۆھلەت توشقاندىن كېيىن قاشتاشنى شىركەتكە قايتۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. شىركەت مەبلەغ سالغۇچىلارغا %15تىن %18كىچە يىللىق ئۆسۈم بېرىدۇ›› دېيىلگەن.

     زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى مەبلەغ سالىدىغان پۇلنى تاپشۇرغاندىن كېيىن قاشتاشنى شىركەتتە قويۇپ سېتىشنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن تۈزگەن توختامدا ‹‹بۇ شىركەت ساتقان قاشتاشنىڭ بىر قىسمى مال تەمىنلىگۈچى يەنە بىر شىركەتتىن ئارىيەت ئېلىنغان بولغاچقا، بۇ مالنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى شىركەتكە تەۋە بولمايدۇ›› دېيىلگەن.

     بۇ شىركەت 2012 – يىلى 4 – ئايدا ‹‹شىركىتىمىز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ يېزىسىدىن يەر سېتىۋالدى، بىنا سالماقچى، ئولتۇراق ئۆينىڭ ھەر بىر كىۋادرات مېتىرى 3800 يۈەندىن 4800 يۈەنگىچە سېتىلىدۇ›› دەپ يالغان تەشۋىقات قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 4 – ئايدىن 7 – ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆي سېتىۋېلىش نامىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇرغۇن كىشى بىلەن ‹‹خوتەن قاشتېشىنى مەبلەغ سېلىپ ساقلاش كېلىشىمى›› ئىمزالاپ، ئولتۇراق ئۆيگە مەبلەغ سېلىش پۇلى يىغقان ھەم بىر يىللىق توختام مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، شىركەت %15تىن %18كىچە يىللىق ئۆسۈم بېرىدۇ دەپ كېلىشكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ شىركەت يەر ئېلىش ھوقۇقى، ئۆي زېمىن ئېچىش، سېتىش قاتارلىق ئىجازەت كىنىشكىلىرىنى بېجىرمىگەن.

     بۇ شىركەت تىجارەت جەريانىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹خەينا›› تارماق شىركىتى، ‹‹چىدې›› تارماق شىركىتى قاتارلىق يەتتە تارماق شىركىتى قۇرغان، تارماق شىركەتلەرگە دىرېكتور قويغان، تارماق شىركەتلەرنىڭ دىرېكتورلىرى كەسپىي خادىملارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا شىركەتنىڭ تىجارەت ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلىشقا ھەم پۇلنى قانۇنسىز يىغىشقا تەشكىللىگەن. بۇ شىركەت قۇرۇلۇپ دېلو ئاشكارىلانغانغا قەدەر، يۇقىرى ئۆسۈم بېرىمىز، دېگەننى يەمچۈك قىلىپ، قاشتاش ساتىمىز، ئۆي ساتىمىز دېگەن نامدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 98 كىشى بىلەن ‹‹خوتەن قاشتېشىنى مەبلەغ سېلىپ ساقلاش كېلىشىمى›› ئىمزالاپ، قانۇنسىز ھالدا جەمئىي 10 مىليون 440 مىڭ 297 يۈەن يىغقان. بۇنىڭدىن بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا بەرگەن ئۆسۈم ۋە بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئېلىپ كەتكەن قاشتاشنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇ شىركەت ئەمەلىي ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل 9 مىليون 560 مىڭ 902 يۈەن بولغان.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، 1 – سوتتا بۇ شىركەتنى ئالدامچىلىق بىلەن پۇل يىغىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دەپ قاراپ، جاۋابكار شىركەتكە 5 مىليون يۈەن جەرىمانە قويغان؛ جاۋابكار، بۇ شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، پايچىك جاڭ Xكە ئالدامچىلىق بىلەن پۇل يىغىش جىنايىتى ئۈچۈن 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەتنىڭ باشقا سەككىز ‹‹ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام رەھبىرى››نىڭ ھەر بىرىگە 11 يىلدىن بىر يىل توققۇز ئايغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ھەم مۇناسىپ جەرىمانە قويغان.

    ئۆز خەۋىرىمىز

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.