مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئارىيەت بەرگۈچى قانداق ئەھۋالدا قاتناش ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟

    مەۋلۇدە2017-06-21 15:43:59شىنجاڭ گېزىتى

      باشقىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ھەيدەيدىغان ئەھۋاللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئارىيەتكە ئالغۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى زىيانغا ئۇچراتسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇنداقتا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى قانداق ئەھۋالدا قاتناش ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟

        ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى››نىڭ 49 – ماددىسىدا ‹‹ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەم تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.

        يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ئىشلەتكۈچىلەر سادىر قىلغان ھەممىلا قاتناش ھادىسىسىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەمما موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدە بىرىنچىدىن، باشقىلارغا ئارىيەت بەرگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەشكە بولمايدىغانلىقى، بىخەتەرلىك جەھەتتە يوشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئەھۋاللارنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە دەپ قويماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە بېرىشتىن ئاۋۋال ئىشلەتكۈچىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش سالاھىيىتى بار – يوقلۇقىنى ياخشى تەكشۈرمەسلىك؛ ئۈچىنچىدىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تېزلىكىگە، يۈرۈش مۇساپىسىگە چەك قويۇلىدىغانلىقىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە دەپ قويماسلىق ياكى زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئىشلار قاتناش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى مۇناسىپ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كاشىلىسى بارلىقىنى، ئىشلەتكۈچىنىڭ پىراۋىسى يوقلۇقىنى ۋە ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئارىيەت بېرىپ تۇرۇش قاتارلىقلار...

        شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى تەرەپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدىن تۆلەم تەلەپ قىلماقچى بولسا، زىيانلانغۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدە يۇقىرىقىدەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل – ئىسپات كۆرسىتەلىشى كېرەك.

        مامۇت بارات، ئىبادەت قۇربان 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.