مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى موتوسىكلىتتا ئادەم سوقۇۋەتسە، موتوسىكلىتنىڭ ئىگىسى تۆلەم تۆلەمدۇ؟

    مەۋلۇدە2017-06-21 15:39:40شىنجاڭ گېزىتى

        دېلو مىسالى: تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان شياۋ لى 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى دادىسىنىڭ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان نومۇر تاختىسى يوق، سۇغۇرتىلانمىغان موتوسىكلىتىنى ساۋاقدىشى شياۋ جىنىڭ ھەيدىشىگە بېرىپ تۇرغان. شياۋ جى ساۋاقدىشى شياۋ شۈنى موتوسىكلىتنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ كېتىۋاتقاندا، موتوسىكلىت ئۆرۈلۈپ كېتىپ، خۇاڭ موماينى سوقۇۋەتكەن. خۇاڭ موماي نەق مەيداندا قازا قىلغان، شياۋ جى ۋە شياۋ شۈمۇ ئېغىر يارىلانغان. ساقچى تەرەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن شياۋ جى ھادىسىدىكى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتكەن.

        شياۋلى بىلەن شياۋ جى ساۋاقداش، ئىككىسىلا 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنىدى. ھادىسە تۇغدۇرغان موتوسىكلىت شياۋ لىنىڭ دادىسىنىڭ سۇغۇرتىلانمىغان موتوسىكلىتى ئىدى. قازا قىلغۇچى خۇاڭ موماينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: شياۋ لىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بەلگىلىمە بويىچە موتوسىكلىتىنى سۇغۇرتىلاتمىغان، موتوسىكلىتىنى ياخشى باشقۇرماي، شياۋ لىنىڭ موتوسىكلىتنى ھەيدەپ چىقىپ، ساۋاقدىشى شياۋ جىغا ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشى، قاتناش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. شياۋ لىنىڭ ئاتا – ئانىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا دائىرىسىدە ئالدىن 110 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىشى، يەتمىگەن قىسمىنى قاتناش ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەت نىسبىتى بويىچە شياۋ لىنىڭ ئاتا – ئانىسى ھەم شياۋ جى ئورتاق تۆلىشى كېرەك.

        سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، شياۋ جىغا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى؛ خۇاڭ موماينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەرز تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆلۈم تۆلىمى ۋە باشقا بارلىق ھەقلەرنى 395 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىپ، شياۋ لىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ئالدى بىلەن مەجبۇرىي سۇغۇرتا مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە 110 مىڭ يۈەن تۆلەشكە، قالغان 285 مىڭ يۈەننى شياۋ جىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى %80 نىسبەت بويىچە، شياۋ لىنىڭ ئاتا – ئاتا – ئانىسىنى %20 نىسبەت بويىچە تۆلەشكە بۇيرۇدى.

        قانۇن ئىزاھاتى:

        مەزكۇر دېلودىكى شياۋ جى 18 ياشقا كىرمىگەن، پىراۋا ئېلىش يېشىغا توشمىغان. پىراۋىسىز موتوسىكلىت ھەيدەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان، شۇڭا ھادىسىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خاراكتېرى ئېغىر، قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. شياۋ جى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈچۈن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

        شياۋ لى شياۋ جىغا موتوسىكلىتنى ئارىيەت بەرگەن، شياۋ لىنىڭ ئاتا – ئانىسى موتوسىكلىتنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن موتوسىكلىتنى ياخشى ساقلىماي، مەزكۇر دېلونىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. مۇناسىپ ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

        ھادىسىنىڭ ھەق تەلەپ تۆلەم مەسئۇلىيىتى نىسبىتى جەھەتتە، سوت مەھكىمىسى خاتالىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتىگە قاراپ، شياۋ جىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى %80 تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا، شياۋ لىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى %20 تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇغان. ساقچى تەرەپ شياۋ جى ھادىسىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى نېمە ئۈچۈن شياۋ جىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى %80 تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ سوتچى بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھادىسە مەسئۇلىيىتى پەقەت موتوسىكلىتنى ھەيدەش نۇقتىسىدىن ئايرىلغان، ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقى بولسا ھادىسىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سەۋەب – نەتىجىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ چىقىرىلغان ھۆكۈم.

        مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا كەلسەك، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھادىسە سادىر قىلغاندىن كېيىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ ھادىسىدە مەسئۇلىيىتى بار – يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، سۇغۇرتا شىركىتى چوقۇم مۇئەييەن تۆلەم دائىرىسى ئىچىدە تۆلەم تۆلەيدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۈزۈمى. ئەگەر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا سېتىۋېلىشتەك قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى سۇغۇرتىلاش مەجبۇرىيىتى بار كىشىدىن مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلىمى دائىرىسىدە تولۇق سوممىلىق تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يەتمىگەن قىسمىغا خاتالىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتىگە قاراپ تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.