مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلماقتا

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-06-19 12:47:29شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە ئومۇمىي بايان (4)

    جىڭ بو

        ‹‹ئائىلەڭلەردىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تۇلۇم تاغىمىزدەك يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن››. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى 1 – ئايدا قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يازدى، يېقىملىق سۆزلەر، ئوتلۇق سالام، سەمىمىي ئارزۇ – ئىستەك ھەم باش شۇجىنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدى، ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بىلدۈرگەن ئىزگۈ تىلىكى ئىدى.

        50 نەچچە يىل ئىلگىرى، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ‹‹ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقى›› چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى قىزىق داستانىغا ئايلانغانىدى. 50 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى شىپالىق يامغۇر كەبى سۇغىرىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى››نى ئۈن – تىنسىز ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەلبىگە پۈكۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت قۇدرەتلىك ئېنېرگىيەنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى يىمىرىلمەس كۈچكە ئايلاندۇردى.

        مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى

        توختىخان قۇربان موماي باش شۇجىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يازغان جاۋاب خېتىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىدا كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش تۆككىنىچە ‹‹بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولىمىز!›› دەيدۇ.

        شىنجاڭ چېگرا رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغان شىنجاڭدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.

        باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، كۆپ قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىل 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ مىللەتلەر – دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

        باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئايدىن كېيىن ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشنىڭ ئۇل تېشى. شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن: ‹‹مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك›› دېدى. بۇ ئاددىي ھەم ئوبرازلىق سۆز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

        ئۈچ يىلدىن كېيىن، باش شۇجى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىنىڭ ئۇل تېشى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى.

        باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مول ئىجادىيلىققا ئىگە يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى، يېڭى تەلىپى يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى، ئۇنىڭغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

        2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى›› رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسى مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپلا قالماي، مەركەزنىڭ لۇشيەن، فاڭجېنلىرى، ئاپتونونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر بولۇپ قالدى.

        ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھاۋا، قۇياش نۇرى ۋە سۇدەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

        باش نىشاننى چۆرىدەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش

        قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازىرى قوش كۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى 70 نەچچە ياشلىق ۋاڭ گۈيجېننىڭ ‹‹ئالتۇنخان›› دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسمى بار. ۋاڭ گۈيجېن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر مىللەت ئاممىغا قىزغىن ياردەم بېرىپ كەلگەچكە، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەپ شۇنداق دەپ ئاتىشىدۇ.

        ۋاڭ گۈيجېن تۇنجى بولۇپ بىر ئۇيغۇر ئىگە – چاقىسىز ياشانغان كىشىگە ياردەم بەرگەندىن تارتىپ، 100گە يېقىن ياشانغان كىشى ۋە ئاتا – ئانىسى ئىشلەمچىلىككە كەتكەن بالىنىڭ ھالىدىن ھەقسىز خەۋەر ئالدى. ۋاڭ گۈيجېن تاماق توشۇش، كىر يۇيۇش، تازىلىق قىلىشقىچە خۇددى قىزى، ئانىسىدەك ئۇلارغا ياردەم بەردى.

        بۇنىڭغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاقىدار ئىشلارنى شىنجاڭدا ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

        ئۇيغۇرلاردا ‹‹يالقۇنلۇق ئوت سوغۇقنى قاچۇرار، ئۆم – ئىناقلىق قىيىن ئىشنى›› دېگەن ماقال بار. بۇ ماقالدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى ۋە ئەمەلىي تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن.

        ئۈچ يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە – ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىقى، ھەربىي – خەلق ئىتتىپاقلىقى، ساقچى – خەلق ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارنى بىللە ئۆگىنىش، بىللە ياشاش، بىللە ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇردى.

        ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون چوڭ ئىشلارنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەپ، ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنى بىرنىيەتتە ئىتتىپاقلاشتۇردى. خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىر ياتاقتا يېتىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، قېرىنداشلاردەك ئۆتمەكتە. خوتەن ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى، يېڭى يېزا ئىگىلىك – ئىقتىساد يېڭى رايونىنىڭ ئىناقلىق يېڭى كەنتىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، زاڭزۇ، مياۋزۇ قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان 600 نەچچە ئائىلە بىرلىكتە تىل، تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلارمۇ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك خۇشال – خۇرام ئۆتمەكتە.

        شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىسى بىللە ياشايدىغان، بىللە ئوقۇيدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

        مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك

        بۇلتۇر 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليوندىن كۆپرەك كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ئادەتتە يىراققا ئانچە كۆپ چىقمايدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئامما تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ھازىرقى زامان تۇرمۇشنى ھېس قىلدى، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ناتونۇش كىشىلەر تۇغقان بولۇپ، قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىيەتتە ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىدە بولىدۇ. بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ تارقىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

        قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شىخۇا چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، نەچچە ئون يىل دوختۇرلۇق قىلىپ، ئادەم قۇتقۇزۇش كەسپىنى خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش دەپ بىلىپ، نامرات كېسەللەرگە ياردەم بەردى، ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.

        چىڭگىل ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئانا، ‹‹چىن مۇھەببەت›› فىلىمىدىكى باش قەھرىمان ھەلىمە ئالىمئاخۇن خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق ئون نەچچە يېتىم بالىنى بېقىۋېلىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەپ چوڭ قىلدى.

        ‹‹يەرلىك ساخاۋەتچى›› ئالىم خالىق كاۋاپچىلىق قىلىپ، 100 نەچچە مىڭ يۈەن پۇل توپلاپ، نەچچە يۈز نامرات بالىغا ياردەم قىلدى. غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى يېزىسى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى يۈەنمېينى ئۇيغۇر بوۋاي – مومايلار ‹‹ياخشى قىزىم›› دەپ چاقىرسا، ئۇيغۇر بالىلار ‹‹ياخشى ئانام›› دەپ چاقىرىدۇ، ئۇنىڭ ‹‹جەمىلە›› دەپ چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىسمىمۇ بار.

        ...

        مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى بىر – بىرىگە باغلاپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوقۇلغان قەسىدىدەك ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى دەلىللىدى.

        مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ھاياتىي كۈچكە تولغان مۇشۇ پەسىللەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلدۇرايلى!

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.