مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    5–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدا جۇڭخۇا تىياتىر سەنئىتى بايرىمى ھەم يىپەك يولى تىياتىر مەدەنىيەت–سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

    مەۋلۇدە2017-06-19 11:57:00شىنجاڭ گېزىتى

        مۇيەسسەر ئاباھامىتنىڭ 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ جۇڭخۇا تىياتىر سەنئىتى بايرىمى ھەم يىپەك يولى تىياتىر مەدەنىيەت – سەنئەت بايرىمى 7 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

        ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تىياتىر سەنئەت بايرىمىدا چىنچياڭ ئەلنەغمىسى، سىچۈەن تىياتىرى، خۇاڭمېي تىياتىرى، يۆجۈي تىياتىرى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئەلنەغمە ماھىرلىرى كوللېكتىپ ماھارەت كۆرسىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتلىك جىڭجۈي تىياتىرى، شەنشى تىياتىر تەتقىقات يۇرتى، شەنشى يىسۇ ئۆمىكى، گەنسۇ جىڭجۈي تىياتىرى، شىنجاڭ ئەلنەغمە تىياتىر ئۆمىكى، بىڭتۈەن يۆجۈي تىياتىر ئۆمىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈي تىياتىرى ئۆمىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنچياڭ تىياتىر ئۆمىكى قاتارلىق سەنئەت ئۆمەكلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا 20 نەچچە مەيدان ئېسىل نومۇر ئورۇنلاپ بېرىدىكەن. دۆلەت جىڭجۈي تىياتىر ئۆمىكى ‹‹ياڭ جەمەتىنىڭ ئايال سانغۇنى››، ‹‹قىزىل چىراغ››، شەنشى يىسۇ ئۆمىكى چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ‹‹ئۈچ تامچە قان››، شەنشى ئەلنەغمە تەتقىقات يۇرتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنچياڭ تىياتىر ئۆمىكى بىرلىشىپ ئورۇنلىغان چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ‹‹چېن شېمېينى جادىغا بېسىش››، گەنسۇ ئۆلكىسى ئۆلكىلىك جىڭجۈي تىياتىر ئۆمىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈي تىياتىر ئۆمىكى بىرلىشىپ ئورۇنلىغان ئەنئەنىۋى جىڭجۈي تىياتىرى ‹‹جياڭ شىپىڭغا نەزەر››، شىنجاڭ ئەلنەغمە تىياتىر ئۆمىكى ‹‹چۆل گۈلى ئېچىلدى››، بىڭتۈەن يۆجۈي تىياتىرى ئۆمىكى يۆجۈي تىياتىرى ‹‹چىڭفېڭ راۋىقى›› قاتارلىق تىياتىرلارنى ئورۇنلايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تىياتىر بايرىمى مەزگىلىدە، دۆلەت جىڭجۈي تىياتىرى ئۆمىكى، شەنشى تىياتىر تەتقىقات يۇرتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈي تىياتىرى ئۆمىكى قاتارلىق ئۆمەكلەر يېزىلارغا بېرىپ ئويۇن قويىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.