مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹بايراقنى ئېگىزكۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ساداقەتمەنلىك بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، <ئۈچ خىل كۈچ> كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى››دېگەن تېمىدا قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزدى

    مەۋلۇدە2017-06-19 11:45:37شىنجاڭ گېزىتى

     بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئالقانچىلىك يەرنىمۇ قولدىن بەرمەي، بازىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، پارتىيە بايرىقىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرىمىز

        دۇڭ شياۋخۇا، ئارىزا زەينىلقان خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ‹‹بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ساداقەتمەنلىك بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى›› دېگەن تېمىدا قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش توغرىسىدىكى تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ساداقەتمەنلىك بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

        يىغىندا ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەش نەپەر ۋەكىلى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان بارلىق يولداشلار پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتىلىدى ھەم ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ساداقەتمەنلىك بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ۋەدىنامىسى››گە ئىمزا قويدى.

        لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەر ئەزەلدىن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر سىياسىي ئاڭلىقلىقى، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ياخشى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، بازىنى ياخشى ساقلاپ، پارتىيە بايرىقىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بازىسىدا ئىزچىل جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى قەسەمياد يىغىنىنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر، تېخنىكوملارنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ساداسىنى مۇجەسسەملەپ، ئوخشاش بىر مەيداندا تۇرۇپ، ئوخشاش بىر دۈشمەنگە يۈزلىنىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

        لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر چوقۇم ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالىي مائارىپ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا، ماركسىزمنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر پارتكومىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىدىيەۋى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، كۈرەش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قوشۇننىڭ پاكلىقىنى قوغداپ، خاتا پىكىر ئېقىملارغا رەددىيە بېرىپ، بازىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، تۈرلۈك خاتا پىكىر ئېقىملارنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشى، تارقىلىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئاساسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، غايە – ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى قىممەت يېتەكچىلىكىگە، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلىرىدىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىدىن ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار؛ ئاپتونوم رايون باشقۇرىدىغان ئۈرۈمچى، سانجى رايونىدىكى 12 ئالىي مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى؛ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى، شىنجاڭ ئەمەلىي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى؛ بىڭتۈەنگە قاراشلىق شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشتى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.