مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرايلى

    مەۋلۇدە2017-06-19 11:39:59شىنجاڭ گېزىتى

     گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

        قاراش تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات قارىشى ئومۇمىيەتكە، نېگىزگە، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك روشەن يۆنىلىش بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەيدۇ.

        يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››، دەپ مۇھىم يوليورۇق بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزگىچە، ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

        باش شۇجىنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىلدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە تەرەققىياتتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك،تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك قاراشنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە جاپالىق، ئېغىر تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا تەرەققىياتنى پىلانلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

        يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى يېڭى يولۇچىلار ۋوگزالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلار نورمال قاتنايدىغان بولدى، جۇڭگو – ئوتتۇرا ئاسىيا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بەس – بەستە شىنجاڭغا ماكانلاشتى، ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىكىلەر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش، داۋالىنىشتا ئالدى بىلەن شىنجاڭنى تاللايدىغان بولدى... تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىر قاتار ئەمەلىيەتلەر يېڭى تەرەققىيات قارىشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان يېڭى مەزگىلدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى قوماندانلىق تايىقى، قاتناش چىرىغى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە›› بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، پائال ئىزدىنىپ، ئۇدا كۈچەپ، ئۇزاققىچە تىرىشقاندىلا، ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئېچىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

        يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا، چوقۇم تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى، ئەلنى مايىل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، جۇڭگوچە، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، يادرولۇق رايوننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشكە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئۈستىگە قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاش كېرەك.

        يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ ماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىر خىل ئۆزگەرمەس، تۇراقلىق ئۇسۇل بىلەن تۈرلۈك، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش بۇزۇش بىلەن قۇرۇشنىڭ بىرلىك جەريانى، شۇنداقلا قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانى، شۇڭا ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە خەۋپ – خەتەردىن قورقماسلىق روھى ۋە ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش زۆرۈر. ئارىسالدى بولۇپ توختاپ قالغاندا، كونا ئىدىيە، كونا ئۇسۇلنىڭ رامكىسىدىن چىقالماي، كونا قاراش ئىچىدە قايمۇقۇپ قالىدۇ. قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتقاندىلا، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتا قايتىدىن يېڭى، شانلىق نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ. بايلىققىلا تايىنىشتەك كونا ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ، ‹‹شەخسىيەتچىلىك››، ‹‹ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش›› قاتارلىق كونا تەپەككۇرنىڭ قېلىپىدىن چىقىپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى سىياسەت چىقىرىش، تەرەققىيات يوللىرىنى پىلانلاش، تەدبىر بېكىتىش ۋە خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي جەريانىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى قاراش بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئۈنۈم بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

        ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، تەرەققىياتتا يېڭى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق؛ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بىز داۋاملىق ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئۇزاققىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتتا ھەر مىللەت خەلققە، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى سەھىپە پۈتەلەيمىز.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.