مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيەگە سادىق بولىمەن

    ئامانگۈل2017-05-19 12:10:42شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى خىزمەتلەرنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەسقەر ئابلىز

     يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› ئۇيغۇر كادىر ۋە ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن جەزمەن بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

     ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ۋە ئامما شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، زوراۋان – تېررورچىلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ھەر بىر ئۇيغۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ھايات–ماماتلىق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ كەنت (مەھەللە)لەردە تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە، مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتىم، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئاممىغا، بولۇپمۇ ياشلارغا قىلغان زىيانكەشلىكىنى كۆردۈم. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، دىنىي تەلۋىلىك ۋە ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە زىيانكەشلىك قىلدى.

     مەن شىنجاڭدا ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولدۇم. مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىم بولمايتتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەت ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ خىرىسى ئالدىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشى، مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىپ، ھەر ۋاقىت دىلى بىلەن تىلىنى بىردەك قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

     مەن مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئامما ئارىسىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇر چۆكۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مەيدانىمنى ئېنىق بىلدۈرىمەن، ئەمەلىيەتنى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى تەرىپلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئوچۇق – ئاشكارا پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – بۇرادەرلىرىمدىن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي پوزىتسىيەدە تەلەپ قىلىمەن؛ ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بارلىق ئەقىل – پاراسىتىمنى ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.