مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئۇيغۇر كادىرلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باشلامچىلىرىدىن بولايلى

    ئامانگۈل2017-05-19 12:10:41شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىكى تىجارىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ئەركىن ھۈسەن

     يېقىندا پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدۇم ھەم چەكسىز ئىلھام ئالدىم. بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ئىنتايىن ئاز ساندىكى مۇناپىقلار پارتىيە بەرگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىمەي، ئەكسىچە ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

     بىز پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاممىغا دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئۆز ئەينى بويىچە ھەر بىر ئۇيغۇر ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى پارتىيەگە ھەقىقىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز؛ باشلامچىلىق بىلەن ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىدلەپ، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى توسۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىشىمىز كېرەك.

     جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىشتا ۋاسىتە تاللىمايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى بايقىدىم. تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا بىر دېھقان مۇنداق دېدى: ‹‹قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى بىر نەچچە يىل بۇرۇن قانات يايدۇرۇلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى، بەزى ياشلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا ماڭدى››. بۇ، دېھقانلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى، شۇنداقلا زوراۋان – تېررورچىلارغا ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە ئەيىبلىشى بولۇپ، بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىپ، مۇناپىقلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

     مەن بىر دېھقان پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئوغلى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك تاللىشىم. پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادەم ۋە ئىشەنچىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئاۋانگارت، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغان قوغدىغۇچى بولىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.