مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    جۇ خەيلۇن خوتەن ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

    ئامانگۈل2017-05-19 10:32:53شىنجاڭ گېزىتى

    ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

      لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى خوتەن ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

     جۇ خەيلۇن مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتىدۇ ۋە ھەر مىللەت ئامما ئىناقلىق، مۇقىملىققا ئىنتىزار بولۇۋاتىدۇ، جايلار، تارماقلار ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ھەر ۋاقىت كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ باش نىشانغا يېتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل تۆھپە قوشۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى ۋە ۋەزىپىلەرنى قەتئىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە، ئىشلارغا، خەلققە بولغان مۇتلەق سادىقلىق، كىچىك ئائىلىدىن ۋاز كېچىپ، چوڭ ئائىلىنى كۆزلەيدىغان ئەل رىشتى ئارقىلىق شەرتسىز، سۆزسىز ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تىرىشىپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، تەشكىل ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى كېرەك.

     جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كەنتنى ھۆددە ئېلىش – كەنتتە تۇرۇش، ئائىلىلەرنى ھۆددە ئېلىش – ئۆيلەرگە كىرىشتىكى يۈزمۇ يۈز ئاممىۋى خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئائىلىلەرنى ھۆددە ئالغان كادىرلار ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشكە قولايلىق يارىتىپ، ئۆيلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ۋاقتى، كىرىدىغان ئۆي سانى، خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى ئېنىقلاش قاتارلىق كونكرېت تەلەپلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك ئىشلىشى كېرەك. خىزمەت ئەترەتلىرى بىرىنچى شۇجىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كۈندە ئۆيلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ خەۋپنى تېپىپ، ئاممىنى تەربىيەلىشىگە پائال ماسلىشىپ، يەرلىكنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى قوزغاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك؛ نوپۇس زىچلىقىغا ئاساسەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، خىزمەت كۈچىنى يېتەرلىك تەقسىملەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەر بىر يېرى ۋە ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىناق، خاتىرجەم مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.