مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    يولداش چيەن چىچېننىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

    ئامانگۈل2017-05-19 10:32:55شىنجاڭ گېزىتى

     يولداش چيەن چىچېننىڭ كېسىلى ئېغىر مەزگىلدە ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش چيەن چىچېننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

     شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالاشتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سېپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 14 – نۆۋەتلىك، 15 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سابىق دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى يولداش چيەن چىچېننىڭ جەسىتى 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

     يولداش چيەن چىچېن كېسەل سەۋەبىدىن 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سائەت 22 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 90 يېشىدا ۋاپات بولغان.

     يولداش چيەن چىچېننىڭ كېسىلى ئېغىر مەزگىلدە ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش چيەن چىچېننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

     5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى زالىدا ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇردى. زالنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ‹‹يولداش چيەن چىچېنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز›› دېگەن قارا تەگلىك، ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان، پىلاكاتنىڭ ئاستىغا يولداش چيەن چىچېننىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش چيەن چىچېننىڭ جەسىتى گۈل ۋە يېشىل ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل بايرىقى يېپىلغانىدى.

     چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، خۇجىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار ماتەم مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە يولداش چيەن چىچېننىڭ جەسىتى ئالدىغا ئاستا قەدەم بىلەن كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ، يولداش چيەن چىچېننىڭ جەسىتىگە ئۈچ تەزىم قىلدى ھەم يولداش چيەن چىچېننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.

     پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى باباۋشەنگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالاشتى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش چيەن چىچېننىڭ دوستلىرى ۋە يۇرتداشلار ۋەكىللىرىمۇ باباۋشەنگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالاشتى. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.