مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىگە كۈچ قوشايلى

    ئامانگۈل2017-05-19 10:32:57شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    مۇخبىرىمىز لى شىڭ

     تەھرىر ئىلاۋىسى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېمىسىدىكى تەشۋىقات ۋە خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ گېزىتىمىز ‹‹جەسۇرانە ئىلگىرىلىگەن بەش يىل›› ناملىق ئىستون تەسىس قىلىپ، ئالدى بىلەن دىققەتنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يولغا قويغان كونكرېت تەدبىرلەرنى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە تاپقان يېڭى يول ۋە يېڭى ئەندىزىنى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ. كۆپ خىل شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەجرىبە – ئۇسۇللىرىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

     3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 75 ياشلىق خۇدابەردى قاۋۇز قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئازادە، يورۇق ئۆيىدە چاي ئىچكەچ مۇنداق دېدى: بۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرالايدىغانلىقىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم. بۇلتۇر 7 – ئايدا كۆكيار يېزىسىنىڭ ئۈسەس كەنتىدىكى خۇدابەردى قاۋۇز ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق ئائىلە قارا قۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىن ناھىيە بازىرىدىكى بىنالارغا كۆچۈپ كىردى.

     2016 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە خۇدابەردى قاۋۇزدەك نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە يۆلەش – ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يۆلەش – ئېچىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ۋە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتە كۈچلۈك تۈرتكىلىك ۋە تىرەكلىك رول شەكىللەندۈردى.

     نامراتلىق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، نامرات ئاممىنىڭ ھەميېنى تومپىيىشقا باشلىدى

     تۇيۇن كەنتى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تۇيۇن يېزىسىدىكى نامرات كەنت بولۇپ، 2011 – يىلىدىن ئىلگىرى كەنتتىكى 317 ئائىلىلىكنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى نامرات ئىدى.

     بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئوتلاق ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى مۇكاپاتى ۋە تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق بىرقاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنى بېيىتىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغاچقا، تۇيۇن كەنتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى: ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىندى، مەكتەپ ۋە شىپاخانا قۇرۇلدى؛ ھەممە ئائىلىلەر پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى...

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

     2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات نوپۇس 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 2 مىليون 610 مىڭدىن (‹‹13 – بەش يىل››دا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئارخىپ – كارتا تۇرغۇزۇلغاندىكى سان) 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 1 مىليون 220 مىڭغا ئازايدى، بۇنىڭ ئىچىدە 35 نامرات ناھىيەدە 1 مىليون 385 مىڭ 500 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 1 مىليون 368 مىڭ 800 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامراتلارنىڭ ئاساس سانى ۋە نامراتلىق دەرىجىسى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىدى. 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 35 نامرات ناھىيەدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 8055 يۈەنگە يېتىپ، 2012 – يىلىدىكى 5090 يۈەنگە سېلىشتۇرغاندا، تۆت يىلدا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2965 يۈەن كۆپىيىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەميېنى ئاستا – ئاستا تومپىيىشقا باشلىدى.

     شۇنداق بولۇپلا قالماي نامرات رايونلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمۇ تېز ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 390 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3026 يۈەندىن ئاشتى، بىخەتەر ئۆي ۋە ئىچىدىغان سۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئوقۇشسىز قالىدىغان ئەھۋال تۈگىدى، يېزىلاردا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، ‹‹بىردە ئېشىش، ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆلچىمىگە يەتتى.

     بولۇپمۇ 2016 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە، 810 نامرات كەنت، بەش نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 8055 يۈەنگە يېتىپ، ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش›› ھەل قىلىنىپ، ‹‹ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش›› قەدىمى تېزلىتىلدى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ئازايتىلىپ، تۇنجى جەڭدە غەلىبە قىلىندى.

     نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پىلانلاش سىياسىتى مۇكەممەللىشىپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىش ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ شەكىللەندى

     ئاپتونوم رايون بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ‹‹بىر تاختا شاھمات›› بولۇشنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹<13 – بەش يىللىق> نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى يىرىك پىلانى››نى تۈزۈشنى تاماملىدى، يەنە دائىرە، نامرات ناھىيە، نامرات كەنتلەر بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ مۇناسىپ يىرىك پىلان تۈزۈپ، ‹‹تۆت دەرىجىلىك›› يىرىك پىلان سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايون يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، رايون ئىچىدە ماسلىشىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ يۆلەش، ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ باھالاش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ‹‹N+1›› خىزمەت سىستېمىسىنى چۆرىدەپ، خاس كەسىپلەر ئارقىلىق يېتەكلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت››نى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان داغدۇغىلىق كەيپىيات ۋە ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى چېن لېي مۇنداق دېدى: بىرنەچچە يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ ئازايدى، لېكىن قېپقالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شارائىتى بىرقەدەر ناچار، ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز، بىرقەدەر نامرات رايونلار ۋە ئامما بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭ. نامرات ئاھالىلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە چېگرا رايونلار، سوغۇق تاغلىق رايونلارغا مەركەزلەشكەن، ئۇلار بەك نامرات، نامراتلىشىش سەۋەبى مۇرەككەپ، كەسىپ ئاساسى ئاجىز، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى قالاق، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر چوڭ.

     چېن لېي مۇنداق دېدى: 2017 – يىلى ئاپتونوم رايون ‹‹بىر باش نىشان››نى پۇختا تۇرغۇزدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش؛ ‹‹ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپە››نى ئورۇنداپ، 590 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 800 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، ئون نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت يىللىق ۋەزىپىنى ئورۇنداش؛ ‹‹بىر ئاساسىي جەڭگاھ››نى نىشانلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى دائىرە ۋە رايونلار بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۆلەش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بېكىتتى.

     چېن لېي مۇنداق دېدى: نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى يولغا قويغاندىلا ئاندىن بىر ئائىلىنى كۆچۈرۈپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يەر ئىشلىتىش، ئىختىساسلىقلار، مۈلۈكتىن پايدا ئېلىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تۈرلۈك يۆلەش مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ‹‹ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا، شىمالىي شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا، بىڭتۈەن يەرلىككە ياردەم بېرىش››، ‹‹1000 كارخانا 1000 كەنتكە ياردەم بېرىش››، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يېڭى يوللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى بايلىق ۋە كۈچلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، جەمئىيەت كوللېكتىپ يۆلەيدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

     كۆپ تەرەپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش نەتىجىسىدە، ئۆز جايىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان يۆلەش ئەندىزىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممە جايدا يىلتىز تارتىپ، مول مېۋە بېرىۋاتىدۇ.

     ‹‹ئالتە دەل بولۇش›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹نۇقتا ئارقىلىق نۇقتىنى يۆلەش››، ‹‹بىرگە بىر يۆلەش›› ئىشقا ئاشۇرۇلدى

     2016 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۆلەش خىزمىتىدىكى ‹‹ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇپ دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش يىلى›› بولدى.

     ئاپتونوم رايون ‹‹مەسئۇلىيەت ناھىيەدە، مۇھىم نۇقتا يېزىدا، ئاچقۇچ كەنتتە›› دېگەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ‹‹بىرنى چىقىرىش، بىرنى كىرگۈزۈش، بىرنى پۇختىلاش›› پىرىنسىپى بويىچە، ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەر ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدا قايچىلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچىنچى تەرەپنى باھالاشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

     دەل پەرقلەندۈرۈش ئاساسىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كەنتلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ھەر بىر نامرات ئائىلە، ھەر بىر نامرات رايوننىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قارىتا مول قاراتمىلىققا ئىگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئائىت ساختا مەلۇماتلارنى يوللاشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

     ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغان ياكى بىر قىسىم ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا ‹‹بەش بىر تۈركۈم›› ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، داۋالىنىش، خەير – ساخاۋەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ 2016 – يىلى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرى كەنتلەردىكى نامرات دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇپ، ئۈچ كەنتتىكى 12 نامرات ئائىلىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. پىلان بويىچە 213 ئائىلىدىكى 820 كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش بىلەن بىللە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹نۇقتا نۇقتىنى يۆلەيدىغان››، ‹‹بىرگە بىر يۆلەيدىغان›› بىر قاتار يۆلەش ۋە ياردەم بېرىپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنى تەدرىجىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما چېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز خىزمەتنىڭ مەركىزىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹لاپاس››لارنى يوقىتىش، دەل جايىدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا قارىتىپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاپتونوم رايون كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن ئۇرۇشنىڭ تولۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.