مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    7-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى باشلاندى

    بۇئايشەم2017-05-19 09:11:44تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئۆز خەۋىرىمىز: 7-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى 18-ماي شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

        بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، كۆرگەزمە خەلقئارا كۆرگەزمە رايونى ۋە مەملىكەت ئىچى كۆرگەزمە رايونى دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا كۆرگەزمە رايونىغا جەمئىي 43 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 350 كارخانا قاتناشقان، مەملىكەت ئىچى كۆرگەزمە رايونىغا 23 ئۆلكە، شەھەر، شىنجاڭدىكى سەككىز ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ 620 كارخانىسى قاتناشقان. كۆرگەزمىدە ھەرخىل تېتىتقۇ، سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، چاي، قەھۋە، پىچىنە-پىرەنىك، ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 10 مىڭ تۈردىن ئارتۇق يېمەكلىك كۆرگەزمە قىلىنغان. كۆرگەزمە مەزگىلىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېمەك-ئىچمەك كەسىپى يىغىنى، يېڭى يىپەك يولى زەنجىرسىمان خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك ھەمكارلىق مۇنبىرى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەكلىرىنى باھالاش، شىنجاڭنىڭ «10 چوڭ يېمەكلىكى» نى ئېلان قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

       ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمىنىڭ ئىشىك بېلىتى 20 يۈەن بولۇپ، ئۈرۈمى شەھىرىدىكى كۆكتاتنى بىۋاستە سېتىش قولاي دۇكانلىرى ھەمدە كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا سېتىلىدىكەن. كۆرگەزمە ھەركۈنى سائەت 10:30 دىن 18:30 يېرىمغىچە ئېچىلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.