مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    پورەكلەپ ئېچىلغان ئىتتىپاقلىق گۈللىرى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-05-14 17:28:01شىنجاڭ گېزىتى

    خەن لياڭ

         نىلقا ناھىيەسىنىڭ ياقا ئۇلاستاي يېزىسى كۇسىرىن كەنتىدە ۋۇ باۋشۇ بىلەن 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى كۆرۈشكىنىمدە، ئۇ قازاق چارۋىچى دولقۇن ئاسمالقانغا ئۆرۈك ئۇلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىۋاتاتتى. دولقۇن ئاسمالقان مۇنداق دېدى: ۋۇ باۋشۇ كەنت كادىرى بولۇپلا قالماي، يەنە مېنىڭ ياخشى ئاكام، ئۇ مېنىڭ كۆپ ئىشىمغا ياردەم قىلدى.

        ۋۇ باۋشۇ 17 يېشىدا گەنسۇدىن كۇسىرىن كەنتىگە كېلىپ، تىراكتورچىدىن ئامانلىق قوغداش مۇدىرى، كاسسىر، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغانغا قەدەر، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ئۇنى ئىزدەيدىغان بولدى.

        دولقۇن ئاسمالقان 2008 – يىلى تېرىقچىلىقتىن ياخشى ھوسۇل ئالالماي، 80 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك قەرز بولۇپ قالدى. ۋۇ باۋشۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كېپىل بولۇپ بانكىدىن قەرز ئېلىپ، 45 ساغلىق سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى ھەم ئۆز نامىدا دولقۇن ئاسمالقانغا قەرزگە خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ئېلىپ بېرىپ، زىغىر تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن دولقۇن ئاسمالقان شۇ يىلى 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. بۇلتۇر ۋۇ باۋشۇ دولقۇن ئاسمالقاننىڭ 50 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك زامانىۋى قوتان سېلىش ھەم 20 بايتال سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى، دولقۇن ئاسمالقانغا يەنە 3500 يۈەنلىك يەم – خەشەك ئېلىپ بەردى.

        ۋۇ باۋشۇ يەنە كەنتتىكى جۇماش شايىمەرداننى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلدى. 2014 – يىلى 3 – ئايدا جۇماش شايىمەرداننىڭ خوتۇنى ئاغرىپ قېلىپ، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا پۇل تاپالمىغاندا، ۋۇ باۋشۇ جۇماشقا دەرھال 4000 يۈەن بەردى. جۇماش شايىمەردان مۇنداق دېدى: مەن ھەر تەرەپكە قاتراپ پۇل تاپالماي تۇرغاندا، ۋۇ باۋشۇنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇق سېتىۋېلىشقا تەييارلاپ قويغان پۇلىنى ماڭا بېرىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

        ۋۇ باۋشۇ 30 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۆرۈك كۆچىتى تىككەن بولۇپ، ئۆرۈكلىرى بۇلتۇر مېۋىگە كىردى. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئۇ ئۆرۈكلۈكنى پەرۋىش قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمىدى. جۇماش شايىمەردان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، كۈندۈزلىرى ئۆرۈك ئۈزۈپ، كەچلىرى ئۆرۈكلۈكتە قونۇپ، تاكى ئۆرۈك قېقى(گۈلە) سېتىلىپ بولغۇچە ۋۇ باۋشۇغا قارىشىپ بەردى.

        ۋۇ باۋشۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھازىر كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى دولقۇن ئاسمالقاندىن باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆگەندى، كۇسىرىن كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان قوشماقلاردىن بولۇپ، ئورتاق بېيىش يولىغا ماڭدى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.