مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    نامراتلارنى يۆلەشتە ئالاقە تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-05-12 11:29:58شىنجاڭ گېزىتى

     ئالاقە تورى ئۈنۈمى يۇقىرى، ھەمبەھرە، ئارىلىق چەكلىمىسى يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نامراتلىقنى قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يېڭىچە تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىدۇ، ئالاقە تورىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى رولىغا سەل قارىماسلىق، ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك.

     بىرىنچىدىن، ئۇچۇر سەھنىسى ھازىرلاپ، نامراتلارنى يۆلەش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، يۆلەش ئوبيېكتىنى توغرا تاللاش، سىياسەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۇچۇر ئاساسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش، سىياسەتنى ۋاقتىدا تەڭشەش، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتىن ساقلىنىش ۋە ئىسراپچىلىقنى ئازايتىش كېرەك.

     ئىككىنچىدىن، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئارقىلىق تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەھسۇلات بىلەن بازارنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دېھقانلار ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق بازار ئۇچۇرىغا ۋاقتىدا ئېرىشەلەيدۇ، قارىغۇلارچە شامالغا ئەگىشىپ تېرىقچىلىق قىلىشتىن، كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىققا، نېمىنى تېرىسا شۇنى سېتىشتىن، نېمىنى ساتالايدىغان بولسا شۇنى تېرىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزىلاردىكى ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

     ئۈچىنچىدىن، ‹‹ئالاقە تورى + مائارىپ››، ‹‹ئالاقە تورى + داۋالاش››تىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ دەل جايىدا تەقسىملىنىشى ۋە تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەزى جايلاردا ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى ئارقىلىق كۆپ دەرىجىلىك داۋالاش – دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ۋە يېزا – بازار شىپاخانىلىرى، ھەتتا كەنت داۋالاش ئۆيلىرىگىچە داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىۋاتىدۇ.

     ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئالاقە تورى نامرات رايونلاردىكى ئاممىغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ۋە خەلق ئاممىسى تولۇق پايدىلىنالايدىغان ھالەتكە يەتكەندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

    نىجات قۇربان تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.