مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئىناقلىقتىن ئىللىغان دىللار

    ئامانگۈل2017-05-12 11:19:32شىنجاڭ گېزىتى

     تۇرغۇن ئىبراھىم، ئالتۇنگۈل ھاشىم 

     بۇ يىل چاغانغا ھەپتە قالغاندا، ھېيت ئىسمائىل يېقىندىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن ئىنىسى شياۋ يۈەننىڭ ئۆيىگە كەلدى.

     ـ ئىنىم، بارمۇسەن؟ -دەپ توۋلىدى ھېيت ئىسمائىل ھويلىغا كىرىپلا.

     ـ ۋوي، ئاكامغۇ بۇ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ.

     ئىككىيلەن ئۆيگە كىرىپ، كارىۋاتتا يانمۇ يان ئولتۇرۇشتى.

     ـ چاغانغا ئاز قالدى، قايلورغا قايتارسەن؟

     ـ قايتىمەن، ئەمما شۇنداقلا كېتەلمەيمەن – دە، سىزمۇ بىلىسىز ئاكا، ئۆيۈم سەل چەتتىرەك، ھويلا – ئاراندىن خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن.

     مەنمۇ شۇ ئىشنى دەپ كەلگەن، يالغۇز تۇرساڭ بىزمۇ خاتىرجەم بولالمايدىكەنمىز، پاختىلىرىڭنىمۇ يىغىشتۇرۇپ بوپسەن، يالغۇز جېنىڭغا بىزنىڭكىدىلا تۇرغىن، ئۆيۈڭگە بېرىپ – كېلىپ يۈرۈپ قارايمىز.

     ھېيت ئىسمائىل شۇ كۈنى شياۋ يۈەننى ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، بىر ئېغىزلىق ئۆيىنى مەخسۇس شياۋ يۈەنگە جايلاشتۇرۇپ بەردى. شياۋ يۈەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىرقانچە كۈن تۇرۇپ، چاغاننىڭ ھارپىسىدا قايلوردىكى ئاتا – ئانىسىنىڭ قېشىغا كەتتى، قايتىپ كەلگۈچە ھېيت ئىسمائىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شياۋ يۈەننىڭ قورۇ – جايىنى يوقلاپ تۇردى.

     شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۈەن چىڭخۇنى قىزىلبايراق بازىرىنىڭ بورىقاي كەنتىدىكى چوڭ – كىچىك ھەممەيلەن شياۋ يۈەن دەپ ئاتىشىدۇ، ھېيت ئىسمائىلمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئەمما باشقا يۇرتداشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ كۆڭلى بەكرەك يېقىن.

     ھېيت ئىسمائىل قىزىلبايراق بازىرىنىڭ بورىقاي كەنتىدىكى دېھقان. 2005 – يىلى ئەتىيازدا بۇ كەنتكە شياۋ يۈەننىڭ ئاكىسى كېلىپ ھېيت ئىسمائىلغا قوشنا بولۇپ ئولتۇراقلاشتى. دائىم ئۇچرىشىش داۋامىدا ھېيت ئىسمائىل بىلەن شياۋ يۈەننىڭ ئاكىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىر – بىرىنى چۈشىنىشتى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا ئۆزئارا ياردەملەشتى. ئەمما ئىككى يىل يەر تېرىپ زىيان تارتقان شياۋ يۈەننىڭ ئاكىسى يەرنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. 2007 – يىلى ئەتىيازدا شياۋ يۈەن ئۆزى يالغۇز بۇ يەرگە كېلىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەمگەكتىن باش تارتمايدىغان، ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، چىقىشقاق بۇ يىگىتنى ھېيت ئىسمائىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياقتۇرۇپ قالدى.

     شياۋيۈەننىڭ يالغۇز 100 نەچچە مو يەرنى باشقۇرمىقى ھەقىقەتەن تەس ئىدى. 2008 – يىلى ئەتىيازدا ئۇ ھېيت ئىسمائىلغا ئېغىز ئاچتى.

     ـ ئاكا، ماڭا ئازراق پۇل لازىم ئىدى.

     تەستە ئېغىز ئېچىۋاتقان يىگىتكە قاراپ ھېيت ئىسمائىل سورىدى:

     ـ قانچىلىك لازىم؟

     ـ قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك بېرىپ تۇرسىڭىز.

     ھېيت ئىسمائىل ئارتۇق ئويلاشمايلا ئۆزى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئاتاپ قويغان 5000 يۈەننى شياۋ يۈەنگە تۇتقۇزدى. شياۋ يۈەن پۇلنى ئېلىپ قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرمەكچى بولۇۋېدى، ھېيت ئىسمائىل ئۇنىمىدى.

     ـ بىز دېگەن قوشنا تۇرساق، يەرنى تاشلاپ نەگە كېتەتتىڭ، ئىشلىتىۋەر، تاپقاندا قايتۇرارسەن.

     شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ھېيت ئىسمائىل يۇرتىدىكى نۇرغۇن دېھقانغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلغاچقا، يەرنىڭ ھوسۇلى ئاز، كىرىمى تۆۋەن ئىدى، كېۋەزگە چېچىلىدىغان دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە چېچىش پەيتىنى بىلمىگەنلىكتىن، ھەر مو كېۋەزدىن ئاران 250 كىلوگىرامدىن 300 كىلوگىرامغىچە پاختا ئالالايتتى. شياۋ يۈەن ئۇنىڭغا كېۋەزنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشنى ئۆگەتتى. ھېيت ئىسمائىل 2010 – يىلى شياۋ يۈەننىڭ ياردىمىدە ئون مو يېرىنى تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، كېۋەزلىكىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 400 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

     شياۋ يۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە ھېيت ئاكامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ماڭا ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلدى، ياردەم بەردى. بىرنەچچە يىلدا ئۇلاردىن 40 نەچچە مىڭ يۈەن قەرز ئالدىم، ئۇنىڭغا قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرەي، قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى قوشۇپ بېرەي دېسەممۇ ئۇنىمىدى. ھېيت ئىسمائىلغا ئوخشاش ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدا ئىشلىرىم روناق تېپىۋاتىدۇ.

     كېۋەز ئوتاش، يالتىراق ئاستىدىن مايسا چىقىرىش، سۇ قۇيۇش مەزگىللىرىدە ھېيت ئىسمائىل ۋە ئۇيغۇر دوست – بۇرادەرلىرى شياۋ يۈەنگە تەرەپ – تەرەپتىن ئىشلەمچى تېپىشىپ بەردى، پاختىسىنى ماشىنا – تىراكتورلارغا قولمۇ قول بېسىشىپ، سېتىشىپ بەردى.

     ھېيت ئىسمائىل شياۋ يۈەننىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى بىلەن زىرائەتلىرىنى ئىلمىي پەرۋىش قىلدى، بوز يەر ئېچىپ تېرىلغۇ يېرىنى 25 موغا يەتكۈزدى؛ 2011 – يىلى 50 مىڭ يۈەنگە ئۆلچەملىك قوتان سېلىپ بورداقچىلىق قىلىپ، يىلدا 30 مىڭ يۈەن پايدا ئالدى. شياۋ يۈەننىڭ تۈرتكىسىدە 2010 – يىلى .5 2 مو يەرگە شاپتۇل كۆچىتى تىككەنىدى، 2014 – يىلى بۇ باغدىن 5000 يۈەن، 2015 – يىلى 7000 يۈەن كىرىم قىلىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارغا ئۈلگە بولدى. 2016 – يىلى ئوغلىغا ھويلىسىدا ناۋايخانا ئېچىپ بېرىپ، كىرىمنى كۆپەيتىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر قانچە كەسىپتىن قىلىدىغان يىللىق ساپ كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇ ھال – كۈنى ياخشىلانغاندا ئەتراپتىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇمىدى. 2013 – يىلى بورىقاي كەنتىدىكى ھۈسەن تۇرغۇن قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭغا 2000 يۈەن يەتكۈزۈپ بەردى. كەنتتىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغان ياسىن ساۋۇتقا ھەر يىلى بىر يېرىم توننا كۆمۈر چۈشۈرۈپ بېرىشنى داۋاملاشتۇردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.