مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    قانداق ئەھۋالدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىلىرى قاتناش ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟

    مەۋلۇدە2017-05-11 12:12:43تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ھەيدەيدىغان ئەھۋاللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئارىيەتكە ئالغۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال–مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى خاتالىق سادىر قىلغان ئەھۋالدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇنداقتا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىمۇ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

     «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى» نىڭ 49–ماددىسىدا: ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

     يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ئىشلەتكۈچىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەممىلا قاتناش ھادىسىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەمما موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىرىنچىدىن، باشقىلارنىڭ ھەيدىشىگە بەرگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەشكە بولمايدىغانلىقىنى، بىخەتەرلىك جەھەتتىن يۇشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئەھۋاللارنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە دەپ قويماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە بېرىشتىن ئاۋۋال ئىشلەتكۈچىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش سالاھىيىتى بار- يوقلۇقىنى ياخشى تەكشۈرمەسلىك؛ ئۈچىنچىدىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تېزلىكىگە، يۈرۈش مۇساپىسىگە چەك قويۇلىدىغانلىقىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە دەپ قويماسلىق ياكى زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك ئەسكەرتمە بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغانلىقتىن، قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولغان بولسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى مۇناسىپ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كاشىلىسى بارلىقىنى، ئىشلەتكۈچىنىڭ پىراۋىسى يوقلۇقىنى ۋە ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئارىيەت بېرىپ تۇرۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

     بۇ يەردە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى تەرەپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدىن تۆلەم تەلەپ قىلماقچى بولسا، زىيانلانغۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدە يۇقىرىقىدەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل- ئىسپات كۆرسىتەلىشى كېرەك.

     (ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مامۇت بارات، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىبادەت قۇربان تەييارلىغان)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.