مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئۈزۈلمەس رىشتە

    ئامانگۈل2017-05-10 16:16:25شىنجاڭ گېزىتى

     قېيۇم قادىر

     قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى غەربىي تاغ يېزىسى قۇرلۇق كەنتىدىكى ئايشەمگۈل راخمان ياققان نانلىرىنى ھەر يەكشەنبە كۈنى ئېۋىرغول رايونىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسىغا ئاپىرىپ ساتىدۇ. ئۇ ھەر كەلگىنىدە بۇلتۇر ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە قۇرلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ليۇ يەن ئاچىسىغىمۇ ئۈچ – تۆت نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ.

      ـ نانلىرىمنى ليۇ ئاچام بەك ياقتۇرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئائىلىگە نۇرغۇن ياردەم قىلغان،- دېدى ئايشەمگۈل راخمان.

     ئايشەمگۈل راخماننىڭ ئائىلىسى قۇرلۇق كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلە بولۇپ، بىر ئوغلى ئىچكىرى ئۆلكىدە ئوقۇيتتى، كىچىك قىزى ئىككى ياشقا كىرگەن بولۇپ، 90 ياشتىن ئاشقان كېسەلچان ئاتا – ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئايشەمگۈلنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولغاچقا، ئەر – خوتۇن ئىككىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتى.

     2015 – يىلى يازنىڭ بىر كۈنى سەھەردە ئېرىق بويىدا كىر يۇيۇۋېتىپ، ليۇ ئاچام بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ مېنىڭ قىيىنچىلىقىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ماڭا ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدى، دېدى ئايشەمگۈل راخمان ئەينى چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ.

     ليۇ يەن قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇ ئايشەمگۈل راخماننىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلىغا ھەر ئايدا 200 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىپ كەپتۇ. ئايشەمگۈل راخماننىڭ ئۆز كەنتىدە ئىش تېپىش ئويى بارلىقىنى ئۇقۇپ، كەنت رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى كەنتنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۆرۈك پىششىقى مەزگىلىدە يەتتە مو يەردىكى ئۆرۈكىنى سېتىپ چىقىرالمىغاندا، ليۇ يەن ياردەملىشىپ سېتىشىپ بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ پۇرسەت تاپسىلا كىيىم – كېچەك، يەل – يېمىشلەر بىلەن دائىم ئايشەمگۈل راخماننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپتۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.