مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك نىزاملار

    ئارال ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى نىزامى

    ئامانگۈل2017-05-09 16:01:02شىنجاڭ گېزىتى

    (2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    30 – نومۇرلۇق

    ‹‹ئارال ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى نىزامى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

    2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

     1 – ماددا بۇ نىزام ئارال ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۆزنەكلىك، ئۈلگىلىك، تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

     2 – ماددا بۇ نىزام گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ئارال ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۆۋەندە تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ)غا تەتبىقلىنىدۇ.

     تەرەققىيات رايونىنىڭ يىرىك پىلاندىكى كۆلىمى 13.5 كىۋادرات كىلومېتىر. تۆت ئەتراپىنىڭ دائىرىسى: شەرق تەرىپى ئارال شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جاينىڭ غەربىدىكى 1 – غول ئۆستەڭگىچە؛ جەنۇب تەرىپى ئالتاي – تاشقورغان تاشيولىغىچە؛ غەرب تەرىپى ئەسلىدىكى 9 – تۈەننىڭ يېڭى سۇغىرىش رايونىغىچە؛ شىمال تەرىپى شىمالىي تارىم 2 – غول زەيكەشكىچە بولىدۇ.

     3 – ماددا تەرققىيات رايونىنى قۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا، بىر تۇتاش پىلانلاش، بازارنى يېتەكچى قىلىش، كەسىپلەرنى توپلاش، ئىچكى جەھەتتە كىرگۈزۈپ، سىرت بىلەن بىرلىشىش، كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، رايون ئورنى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە پاختا – توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى كۆجۈم رايونىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

     4 – ماددا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات رايونىدا سالغان مەبلىغى، مۈلكى، پايدىسى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

     5 – ماددا ئارال ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى (تۆۋەندە باشقۇرۇش كومىتېتى دېيىلىدۇ) ئارال شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇپ، ئىقتىساد باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە يۈرگۈزىدۇ، تەرەققىيات رايونىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ.

     6 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى خىل، ئىخچام، بىرتۇتاش، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، زۆرۈر فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى قۇرىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

     7 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

     (1) قانۇن – نىزاملار ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەرەققىيات رايونىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، تەرەققىيات رايونىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى چىقىرىش؛

     (2) تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە مەخسۇس تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇش؛

     (3) مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش؛

     (4) تەرەققىيات رايونىغا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسى ۋە تاشقى ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىقى خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش؛

     (5) تەرەققىيات رايونىنىڭ مالىيە ئىشلىرى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

     (6) تەرەققىيات رايونىنىڭ جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش؛

     (7) تەرەققىيات رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئىستاتىستىكا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش؛

     (8) پىلانلاش، زېمىن بايلىقى، سودا – سانائەت، باج، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلارنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش؛

     (9) تەرەققىيات رايونىنىڭ باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش؛

     8 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى تەرەققىيات رايونىنىڭ بىناكارلىق بازىرى ۋە بىناكارلىق پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىدىكى ئورنىنى تاللاش پىكىرنامىسى، قۇرۇلۇش يېرى يىرىك پىلانى ئىجازەتنامىسى، قۇرۇلۇش لايىھەلەش يىرىك پىلانى ئىجازەتنامىسى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ھاۋالىلىك بېجىرىدۇ.

     9 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى تەرەققىيات رايونىدىكى زېمىن بايلىقىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ؛ يىللىق يەر ئىشلىتىش پىلانىنى تۈزۈش، يەر زاپىسى ۋە يەرنى ھەقلىق بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىدۇ، تەستىقلىتىدۇ، ئالاقىدار ھوقۇق گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىدۇ. تەرەققىيات رايونىنىڭ يەرنى ھەقلىق بېرىش پايدىسى ئاساسلىقى تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ.

     10 – ماددا تەرەققىيات رايونىنىڭ مالىيەسى ئارال شەھىرىنىڭ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇلىدۇ، مۇستەقىل ھېسابات قىلىنىدۇ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە دۆلەت خەزىنىسى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.

     تەرەققىيات رايونىنىڭ مالىيە كىرىمى، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە يۇقىرىغا تاپشۇرۇلغاندىن باشقا، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كىرگۈزۈلگەن چوڭ – چوڭ تۈرلەر، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش قاتارلىقلارنى يۆلەش ۋە مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

     11 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلىشى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، تور پونكىتى ياكى ئاشكارىلاش تاختىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرى، ھەق ئېلىش ئىشلىرى، ئىش بېجىرىش تەرتىپى، بېجىرىش ۋاقىت چېكى ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىشى، جامائەت مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ ئىشلاردا ئىسپات ئاڭلىشى كېرەك.

     12 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، مەمۇرىي مۇلازىمەت ئىشلىرىنى بىر تۇتاش بېجىرىشى، مەمۇرىي ئىجازەت ۋە مۇلازىمەت تەرتىپىنى ياخشىلىشى، بىرلا كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، بىر تۇتاش بېجىرىش، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بېجىرىپ بولۇش چارىسىنى يولغا قويۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەلا، تېز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

     13 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ئارال شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، مۇناسىپ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ .

     14 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى ئەرز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك.

     15 – ماددا مەبلەغ سالغۇچىلار تەرەققىيات رايونىدا مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرغاندا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ سىياسىتى، كەسىپ يۆنىلىشى ۋە تېخنىكىسى ئىلغار بولغان گۈللەنمە كارخانىلارغا دائىر سىياسىتى بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.

     كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى، پاتېنت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات رايونىدا، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى قۇرۇشىغا ياكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

     تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلار تېخنىكا يارىتىش مەركىزى، قۇرۇلۇش تەجرىبىخانىسى، پوستدوكتورلار خىزمەت پونكىتى قۇرسا بولىدۇ.

     16 – ماددا تەرەققىيات رايونى بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتا ئىجازەت شەرتىنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات رايونىغا كىرىدىغان كارخانا ۋە تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىشى، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان كارخانىلار ۋە تۈرلەرنى كىرگۈزمەسلىكى كېرەك.

     تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار مۇھىت ئاسراشتا قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى، بۇلغىما چىقىرىشتا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى جايلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىشى كېرەك.

     17 – ماددا مەبلەغ سالغۇچىلار تەرەققىيات رايونىدا مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرۇشتا، بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، سودا – سانائەت، باج، سۈپەت نازارەتچىلىكى قاتارلىق ئالاقىدار تىزىم رەسمىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە ئۆتىشى كېرەك.

     18 – ماددا تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلار بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئىستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى، بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللىشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

     19 – ماددا تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلاردىن تىجارىتىنى ئۆزگەرتىدىغان، توختىتىپ تۇرىدىغان ياكى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىرى سودا – سانائەت، باج قاتارلىق ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى ھەمدە باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

     20 – ماددا تەرەققىيات رايونىدا پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، قانۇن، بوغالتىرلىق، باھالاش، مەسلىھەتچىلىك، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

     21 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پاتېنت ياردىمى مەبلىغى تەسىس قىلىپ، تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى، پاتېنت ئىلتىماس قىلىشى ۋە پاتېنتنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك.

     22 – ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇش بويىچە مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىقتىساد ئۈنۈمى ياكى ئىجتىمائىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى تۈرلىرىگە مۇكاپات بېرىدۇ.

     23 – ماددا تەرەققىيات رايونىدىكى ھەرخىل كارخانىلار دۆلەت، ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن ھەمدە ئارال شەھىرى بەلگىلىگەن ئېتىبار تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

     24 – ماددا ھەرخىل پەن – تېخنىكا خادىملىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ ئىشلىشىگە، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ، ئۇلار دۆلەت، ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن شۇنىڭدەك ئارال شەھىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش جەھەتتىكى ئېتىبار تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

     25 – ماددا تەرەققىيات رايونىدىكى كەسىپكارلار نوپۇسقا ئالدۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە، يەسلىگە بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئارال شەھىرىنىڭ ئاھالىسىگە ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

     26 – ماددا بۇ نىزام 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.