مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك نىزاملار

    قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى نىزامى

    ئامانگۈل2017-05-09 15:59:08شىنجاڭ گېزىتى

    (2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    29 – نومۇرلۇق

     ‹‹قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى نىزامى›› 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

     شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

    2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

     1– باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

     1 – ماددا بۇ نىزام يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئىستراتېگىيە تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

     2 – ماددا قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى(تۆۋەندە تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ)دا مۇلازىمەت – باشقۇرۇش، ئېچىش، قۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەبلەغ سېلىپ ئىلگىرى سۈرۈشتە ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلەردە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

     3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تەرەققىيات رايونى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى كۆرسىتىدۇ.

     تەرەققىيات رايونى قەشقەر ئاساسىي باغچە رايونى (جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۆبە رايونى) ۋە ئەركەشتام پورت باغچە رايونىغا بۆلۈنىدۇ، بۇ رايوننىڭ كۆلىمى 50 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ 40 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىسى (جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئالتە كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىسى)ىنى ئەركەشتام پورتىنىڭ ئون كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     4 – ماددا تەرەققىيات رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا، سىياسەتنى يېتەكچى قىلىش، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، قەدەم – باسقۇچلۇق يولغا قويۇش، ئىچكى جەھەتتە كىرگۈزۈپ، سىرت بىلەن بىرلىشىش، كەسىپلەرنى تۈرتكە قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، يېپىق باشقۇرۇش، ئاشكارا ئىشلەش، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىر جايدىلا مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

     5 – ماددا تەرەققىيات رايونى كارخانىلار ۋە شەخسلەرگە مەبلەغ سېلىش، تەتقىق قىلىش، ئېچىش، تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.

     2 – باب باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى

     6 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىيات رايونىدا قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى (تۆۋەندە تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دېيىلىدۇ) قۇرۇپ، ئۇنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان، تەرەققىيات رايونىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا مەسئۇل بولىدىغان ھەمدە تەرەققىيات رايونى قەشقەر ئاساسىي باغچە رايونىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان ۋاكالەت ئاپپاراتى قىلىدۇ.

     تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا بىۋاسىتە ھۆججەت، ئالاقە ئەۋەتسە بولىدۇ، ئۇنىڭ فۇنكسىيەلىك تارمىقى ئاپتونوم رايوندىكى ھوقۇق دائىرىسىدە تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەتنىڭ تەستىقلىشىغا توغرا كەلگەن ئىشلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارمىقى تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىدۇ.

     قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن، تەرەققىيات رايونى ئەركەشتام پورت باغچە رايونىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇ، تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن تەڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

     تەرەققىيات رايونى قەشقەر ئاساسىي باغچە رايونى بىڭتۈەن شۆبىسى قۇرۇش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا قىلىدۇ، ئۇنىڭ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ھوقۇقى تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بىلەن تەڭ بولىدۇ.

    7 – ماددا تەرەققىيات رايونى ئەركەشتام پورت باغچە رايونى ۋە قەشقەر ئاساسىي باغچە رايونى بىڭتۈەن شۆبىسى كەسپىي جەھەتتە تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا تۈر ئىلتىماسى، ئاساسىي ئىقتىساد مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى قاتارلىق ھۆججەت – ئالاقە، جەدۋەل ۋە ماتېرىياللارنى تەلەپ بويىچە يوللايدۇ.

     8 – ماددا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

     (1) دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛

     (2) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەرەققىيات رايونىغا بەرگەن ئىقتىسادنى باشقۇرۇش ۋە تەستىقلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش؛

     (3) تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى ۋە مەخسۇس تەرەققىيات يىرىك پىلانلىرىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش ھەمدە مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالاش؛

     (4) سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاش، بېكىتىش، ئىلتىماس قىلىش؛

     (5) تەرەققىيات رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

     (6) تەرەققىيات رايونىنىڭ مالىيە خامچوتى، نەق چوتىنى ۋە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

     (7) تەرەققىيات رايونىنىڭ تۈر ئىلتىماس قىلىش، ئاساسىي ئىقتىساد مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى قىلىشقا مەسئۇل بولۇش؛

     (8) تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت مەمۇرىي ئىشلىرىغا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە مەسئۇل بولۇش؛

     (9) تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت، تارماق ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، تەرەققىيات رايونىغا مۇناسىپ ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش؛

     (10) تەرەققىيات رايونىنىڭ باغچە رايونى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىپ، ئېچىش، قۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق تەرەققىيات رايونىنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش؛

     (11) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھاۋالە قىلغان باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش.

     9 – ماددا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى، شۆبە، تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئىخچام، ئۈنۈملۈك بولۇش، مېخانىزمى جانلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە زۆرۈر فۇنكسىيەلىك ئاپپاراتلارنى قۇرىدۇ، خادىم تەكلىپ قىلىشنى ۋە ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ.

     10 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سودا، زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، يەرلىك باج، دۆلەت بېجى، تاموژنا، پىرىيوم – كارانتىن، چېگرا مۇداپىئە، پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، يول تىرانسپورتى، يول مەمۇرىيىتى، سۇ قاتنىشى، ئوت مۇداپىئە تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى تەرەققىيات رايونىدا ئاپپارات قۇرۇپ ياكى نازارەتچى ئەۋەتىپ كەسىپ بېجىرسە، نازارەت قىلىپ باشقۇرسا بولىدۇ.

    11 – ماددا تەرەققىيات رايونىنىڭ مالىيە تارمىقى كەسپىي جەھەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ باج ئۈلۈشى شۇنىڭدەك كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، قايتۇرۇش ئىشىنى بېكىتىشى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

     12 – ماددا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ پىلانلاش، يەر باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى تەرەققىيات رايونى دائىرىسىدىكى يەر، پىلانلاش، ئۆي – جاي، قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارغا ھاۋالىگە بىنائەن قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

     13 – ماددا قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى قۇرۇلىدۇ. باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايوننى باشقۇرۇش كومىتېتىنى تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى باشقۇرىدۇ، ئۇ، كەسپىي جەھەتتە تاموژنىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ، تەۋەلىك فۇنكسىيەسى ۋە باجغا، تاشقى پېرېۋوتقا ئالاقىدار سىياسەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

     14 – ماددا تەرەققىيات رايونى يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا، ئاۋۋال يولغا قويۇپ، ئاۋۋال سىناپ كۆرۈپ، سىناق خاتالىقىدا جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ.

     3 – باب ئېچىش، قۇرۇش

    15 – ماددا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەستىقلىغان يىرىك پىلان ۋە نىشان بويىچە، ئېچىش، قۇرۇش خىزمەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ.

    16 – ماددا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىش ۋە قۇرۇشقا قاتنىشىشقا ھەر ساھەدىكى كۈچلەرنى جەلپ قىلىشى كېرەك.

    17 – ماددا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى باغچە رايونىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسىپلەرنىڭ بىرىكىشى، رايونلارنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال كارىدورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى، قۇراشتۇرما ئىمارەت قۇرۇلۇشىنى ئالدىن كېڭەيتىشى، رەقەملىك ئەقلىي باغچە رايونى قۇرۇشقا مەدەت بېرىشى كېرەك.

    18 – ماددا تەرەققىيات رايونى ئېچىش، قۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، تىجارەت قىلىش شىركەتلىرىنى شۇنىڭدەك باشقا مەبلەغ سېلىپ ئېچىش سۇبيېكتلىرىنى قۇرىدۇ، تەرەققىيات رايونىنى ئېچىش، قۇرۇشقا ۋە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشقا قاتناشتۇرىدۇ.

    19 – ماددا تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇش يېرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە يىللىق يەر ئىشلىتىش پىلانى بويىچە بولىدۇ.

    تەرەققىيات رايونىدىكى دېھقانچىلىق يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش، يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈش، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بولىدۇ.

    20 – ماددا تەرەققىيات رايونى تەۋەسىدە قاقاس يەر ۋە قاقاس سايدىن پايدىلىنىپ ئېچىش، قۇرۇشتا، كەسىپ تۈرلىرىنى كىرگۈزۈشتە، ‹‹قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى››دا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە، يەرنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش پۇلى ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇش يېرىدىن ھەقلىق پايدىلىنىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

    21 – ماددا تەرەققىيات رايونى قانۇن – نىزاملاردا رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدە يەردىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتسا بولىدۇ:

    (1) يەرنى تېجەش، ئۇنىڭدىن تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىشنى ھەرىكەتچان باھالاش، كۆزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش؛

    (2) سودا يېرىنى ئېلاستىكىلىق ھەقلىق بېرىش، يېڭى كەسىپ تۈرلىرىگە كېرەكلىك يەر بېرىش ئىشى يەر ئاجرىتىپ بېرىش مۇندەرىجىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلسە، ئاجرىتىپ بېرىشكە بولىدۇ؛

    (3) ئىجارە بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا يەر بېرىشكە ئىلھام بېرىش؛

    (4) يەرنى ئاۋۋال ئىجارە بېرىش، كېيىن ئۆتۈنۈش، ئىجارە بېرىش بىلەن ئۆتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش بويىچە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛

    (5) تەرەققىيات رايونىدىكى سودىغا، سانائەتكە ۋە چوڭ – چوڭ فۇنكسىيەلىك تۈرلەرگە يەر ئىشلىتىشتە لايىھەگە قاراپ، ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش يولغا قويۇلسا بولىدۇ؛

    (6) كارخانا يەر ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش.

    دۆلەت تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا يېڭى كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يېرى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

    22 – ماددا تەرەققىيات رايونى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر قاتتىق تۈزۈم ئورنىتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۈر، ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈشنى قاتتىق مەنئى قىلىشى كېرەك.

    تەرەققىيات رايونىغا كىرىدىغان كارخانا ۋە تۈرلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يىرىك پىلانىدىكى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش ھەمدە قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش كېرەك.

    تەرەققىيات رايونى ئايلانما ئىقتىساد جەھەتتە بۇلغىما مىقدارىنى ئازايتىش، قايتا پايدىلىنىش، قايتا ئايلاندۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تاشلاندۇق چىقىرىشنى ئازايتىشى، تاشلاندۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىش، تاپشۇرۇۋېلىش، ئايلانما پايدىلىنىش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇلغىمىنى ئاز چىقىرىپ، ئېكولوگىيە ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

     4 – باب كەسىپ تەرەققىياتى

    23 – ماددا تەرەققىيات رايونىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش، 2 –، 3 – كەسىپلەر ھەمتۈرتكە بولۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

    24 – ماددا تەرەققىيات رايونى ئەمەلىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، ئېچىۋېتىشكە ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان يېڭىلىق يارىتىش كەسپىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشى كېرەك.

    25 – ماددا سودا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، يىغىن – كۆرگەزمە قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

    26 – ماددا تەرەققىيات رايونى قەشقەر ئايروپورت ئىقتىساد رايونىدا ئاۋىياتسىيە شىركىتى قۇرۇپ، پورت بىلەن تەرەققىيات رايونى بىر گەۋدە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى، ئايروپورت يۇقىرى پەن – تېخنىكىسى قاتارلىق ئايروپورت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ئۈستۈنلۈكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرسا بولىدۇ.

    27 – ماددا تەرەققىيات رايونى مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىرىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كۆپەيتىش، كاپىتال باشقۇرۇشنى بازارلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇشتەك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

    تەرەققىيات رايونى پۇل مۇئامىلە سودا رايونىدا قىرغاق پۇل مۇئامىلىسى، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ پايدا نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش، خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىش، كارخانىلار چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلىسىدە ئەركىن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن يولغا قويۇپ ۋە سىناق قىلىپ، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تۈرتكە بولسا بولىدۇ.

    28 – ماددا تەرەققىيات رايونى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر باغچە رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    29 – ماددا تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇق بېرىشى بىلەن، بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى قوللىنىپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسىپلەر باغچە رايونلىرى بىلەن بولغان ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    مۇشۇ ماددىنىڭ ئالدىنقى تارمىقىدا ئېيتىلغان بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش دېگىنىمىز، مۇشۇ نىزامنىڭ 8 – ماددىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېنىق ھوقۇق بەرگەن ئىشلاردىن سىرت، ھوقۇق بېرىلمىگەن، لېكىن تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا ياتىدىغان چوڭ – چوڭ ئىشلارنى تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئورتاق مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

     5 – باب مەبلەغ سېلىپ ئىلگىرى سۈرۈش

    30 – ماددا تەرەققىيات رايونىدىكى بايلىق، بازار ۋە كەسىپلەر ئېچىۋېتىلىدۇ، كارخانا ياكى شەخسلەر ھەمكارلىشىش، شېرىكلىشىش – شېرىكلەشمەسلىك قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېچىپ پايدىلانسا بولىدۇ، لېكىن قانۇن – نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    31 – ماددا تەرەققىيات رايونىدا مەخسۇس تەرەققىيات مەبلىغى تەسىس قىلىنىپ، كەسىپلەرگە يۆلەك بولۇش، ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش، پەن تەتقىقاتىغا ماددىي ياردەم بېرىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يۆلەك بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق چىقىملارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    32 – ماددا تەرەققىيات رايونىدىكى شەرتكە توشىدىغان كارخانىلار كارخانا زايومى تارقاتسا ھەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىل بولۇش، پەن – تېخنىكا كىرېدىت خەۋپ – خەتەر تولۇقلىمىسى بېرىش، سېلىنما، كىرېدىت ۋە كېپىلنى ھەمتۈرتكە قىلىش، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى كەسىپ فوندى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەرەققىيات رايونىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتسە بولىدۇ.

    33 – ماددا تەرەققىيات رايونى تاشقى مەبلەغ ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا، باشقۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى يېتەكلەپ، جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، جامائەت مۇلازىمىتى قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

    34 – ماددا تەرەققىيات رايونى بازارغا سېلىنىدىغان زاپاس بايلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، كارخانىنىڭ بازارغا سېلىشىغا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ.

    35 – ماددا تەرەققىيات رايونىدىكى مەبلەغ سالغان كارخانا ياكى شەخسلەر تۆۋەندىكى ئېتىبار تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ:

    (1) تەرەققىيات رايونىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان، نۇقتىلىق ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش مۇندەرىجىسىدىكى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛

    (2) تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلار چېگرا سىرتىدىن خەلق پۇلى مەبلىغىنى قەرز ئېلىپ، كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت، تۈر قۇرۇلۇشىغا، شۇنىڭدەك ئاھالىدىن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ھالقىغان سودىغا ئىشلەتسە بولىدۇ؛

    (3) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون كارخانىلارغا بەرگەن باشقا ئېتىبار تەمىناتلىرى.

    36 – ماددا تەرەققىيات رايونىدا دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش فوندى تەسىس قىلىپ، پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، پەن – تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.

    37 – ماددا تەرەققىيات رايونى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تۈزۈلمە ئىچى ۋە سىرتىدا يۆتكىلىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلھام بېرىش ۋە يۆلەشكە دائىر سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشى ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۆۋەندىكى ئېتىبار تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك:

    (1) بېكىتىلگەن يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش پىلانىدىكى ئىختىساسلىقنى تاللاش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى، ئۆي ئىجارە ئېلىش ياردەم پۇلى بېرىش ياكى ئىجارە ئېلىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ياردەم پۇل بېرىش؛

    (2) تەرەققىيات رايونىدا ئىشلەۋاتقان ئالىي ئىختىساسلىقلارغا پەن تەتقىقات خىراجىتى قاتارلىق جەھەتتە يار – يۆلەك بولۇش؛

    (3) ئۇل مائارىپ، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، جامائەت مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئالاقىدار خادىملارغا مۇئەييەن سوممىلىق تەرەققىيات رايونى قوشۇمچە پۇلى بېرىش.

    38 – ماددا تەرەققىيات رايونى كارخانا قۇرۇش، تىجارەت ئىجازىتى بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلا جايدا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

    39 – ماددا تەرەققىيات رايونىدا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، قانۇن مۇلازىمىتى، مۈلۈك باھالاش، ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش، مەبلەغ سېلىش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى مۇلازىمىتى قاتارلىق ۋاسىتىچى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

    40 – ماددا تەرەققىيات رايونى كارخانىلارنىڭ ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەلەپچان تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە قۇرۇپ، شۇ كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئىلھام بېرىدۇ.

    6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    41 – ماددا بۇ نىزام 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.