مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئىناقلىق گۈللىرى پورەكلىگەن سەھرا

    پەرغانە غوپۇر2017-05-08 16:41:46شىنجاڭ گېزىتى

    مۇھەممەد تۇراپ

     توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى قاراتاش كەنتى ناھىيەنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەپ، ناھىيەدىكى داڭلىق كۆكتاتچىلىق كەنتىگە ئايلاندى. كەنتتىكى دېھقانلار پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كۆكتات ئۆستۈرۈش ماھىرى چېن دۇجۇڭدىن ئۆگەنگەنىدى.

     قاراتاش كەنتىدىكى 73 ياشلىق مەھمۇت قۇربان مۇنداق دېدى: ئاتا – بالا ئىككىمىز پارنىك ۋە لاپاستا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى چېن دۇجۇڭدىن ئۆگەندۇق. مەن پارنىك ۋە لاپاستا كۆكتات ئۆستۈرۈۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى. ھازىر تۆت پارنىك ۋە ئالتە لاپىسىم بار، كۆكتاتچىلىقتىن يىلدا 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىۋاتىمەن.

     چېن دۇجۇڭ راۋان ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق دېدى: مەن كەنتىمىزدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان قېرىنداشتەك ئۆتۈپ كەلدىم. شۇڭا ئۆزۈم پارنىك ۋە لاپاستا كۆكتات ئۆستۈرۈپ بېيىپلا قالماي، يۇرتداشلىرىمنىمۇ ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىدىم. ھازىر كەنتىمىزدىكى 358 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 282 كۆكتات پارنىكى، 1012 كۆكتات لاپىسى بار. بۇنىڭدىن كېيىن يۇرتداشلارنى داۋاملىق پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، كەنتىمىزنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ھەسسە قوشىمەن.

     چېن دۇجۇڭنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى قاراتاش كەنتىدە ئۆتكەن بولۇپ، كەنتتىكى ئۇيغۇر ئامما بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ كەلگەنىدى. 1989 – يىلى ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارنىك ۋە لاپاستا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقاندا، چېن دۇجۇڭ بىرىنچى بولۇپ كۇرسقا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. ئۇ كېيىنكى يىلى يازغى بۇغداي يېرىگە لاپاس ياساپ يېسسىۋېلەك تېرىپ، شۇ يىل 5 – ئايدا يېڭى يېسسىۋېلەكلىرىنى بازارغا سېلىپ خېلى ياخشى كىرىم قىلدى. بۇنى كۆرگەن كەنتتىكى نۇرغۇن دېھقان چېن دۇجۇڭدىن لاپاستا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى. چېن دۇجۇڭ بىرقانچە يىل ئىزدىنىپ تېخنىكىدا پىشقاندىن كېيىن، كۆكتات ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۆكتات پارنىكىنى سەككىزگە، لاپاسنى 50كە يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئەستايىدىل تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، قاراتاش كەنتىدە پارنىك ۋە لاپاستا كۆكتات ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيدى.

     قاراتاش كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رەھمەت مەھمۇت مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە 1000دىن ئارتۇق نوپۇس، 3000 مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەر بار. كەنتىمىزدىكى دېھقانلار پارنىك ۋە لاپاستا كۆكتات ئۆستۈرۈپ، يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىدۇ. كەنتىمىزدىكى خېلى كۆپ دېھقان كۆكتاتچىلىققا تايىنىپ بېيىپ، ئائىلە ئاپتوموبىلى سېتىۋالدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىدە چېن دۇجۇڭنىڭ تۆھپىسى زور.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.