مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    يېشىللىق بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-05-05 11:36:20شىنجاڭ گېزىتى

    ئوسمان زاھىر

     ئۆرۈك پىششىقى ئىدى. ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا تىكىلگەن ئۆرۈك كۆچىتىنىڭ بولۇق مېۋە بەرگەن شېخىنى بىر نەچچەيلەن قايرىپ، سۇندۇرۇپ مېۋىسىنى يەپ كېتىشتى. باغ – ئورمان خادىملىرىنىڭ بۇ مېۋىلىك كۆچەتلەرنى قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئۆستۈرگەنلىرىنى ئويلاپ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.

     مەركەزدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونغىچە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقىلى خېلى يىللار بولدى. بولۇپمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدەك ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق رايوندا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، يۇرت – ماكانىمىزنى كۆكەرتىش ھەر بىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. شۇنداق ئىكەن ئورمان ۋە دەل – دەرەخلەرنى ئاسراش، پەرۋىش قىلىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلىنىشى كېرەك.

     ھەر بىر ئورمانلىق ‹‹يېشىل بانكا›› دەپ سۈپەتلىنىدۇ. دەل – دەرەخنىڭ بۇلغانمىلارنى سۈمۈرۈپ ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىشتىكى رولى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. يېشىللىقتىن ھەر بىر كىشىنىڭ بەھرىلىنىش ھوقۇقى بولغىنىدەك، يېشىللىقنى قوغداشتا ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. يېشىللىق بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز. بىز مانا مۇشۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇساقلا دەل – دەرەخلەرنى ئاسرىمايدىغان مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.