مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىش ۋە قول بېسىشنىڭ پەرقى

    مەۋلۇدە2017-05-03 12:09:37شىنجاڭ گېزىتى

     كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھۆججەت ياكى توختاملارغا ئىمزا قويىدىغان، تامغا باسىدىغان ياكى قول باسىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ، ئۇنداقتا، ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىش ۋە قول بېسىش(بارمىقىنى بېسىش)نىڭ قانداق پەرقى بار؟

     ئىمزا قويغاندا مۇنداق ئىككى مەسىلىگە دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، بەزىلەرنىڭ كىملىكتىكى قانۇنلۇق ئىسىم – فامىلىسىدىن باشقا ئىسمى(كىچىك ئىسمى، ئەركىلەتمە ئىسمى، تەخەللۇسى) بولۇشى مۇمكىن. قانۇن نۇقتىسىدىن ئويلىغاندا، قانۇنلۇق ئىسىم – فامىلىسىدىن باشقا ئىسىملار تالاش – تارتىش قوزغىشى مۇمكىن؛ ئىككىنچىدىن، قانۇندا قويۇلغان ئىمزانىڭ پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

     تامغا بېسىشنى ئىمزا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تامغىنىڭ خەتىرى چوڭ. بۇنىڭدا بىرى، شەخسىي تامغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تىزىملاپ ئارخىپ قالدۇرۇشىدىن ئۆتمىگەن بولسا، ئۇ ئىشەنچىسىز بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، شەخسىي تامغىنى باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن بېسىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغاچقا، بېسىلغان شەخسىي تامغا شۇ كىشىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالامدۇ – يوق؟ بۇنى بېكىتىش قېيىن؛ ئۈچىنچىدىن، شەخسى تامغىنى يالغاندىن ئوخشۇتۇپ ئويدۇرغىلى(ياسىغىلى) بولىدۇ.

     قول باسقاننىڭ ياخشى تەرىپى سالاھىيىتى ئېنىق بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ بارماق ئىزى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بۇنى پەقەت يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئارقىلىقلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئەمما، بۇنىڭ كەمتۈكلىكىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ، يەنى قول باسقاندا شۇ كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان – بولمىغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ.

     ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، ئەڭ ئىشەنچىلىكى ئىمزا بىلەن قول بېسىشنى بىرلەشتۈرۈش، بۇنىڭدا ئىمزا قويۇش شۇ شەخسنىڭ ئۆزى يازغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ ھەم شۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدۇ. بىراق، ئىشتىن كېيىن قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، باشقىلار ۋاكالىتەن ئىمزا قويغان دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. قول باسقاندا، ئوڭاي پەرق ئەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما سالاھىيىتىنى بېكىتىش رولىدىن ئېيتقاندا ئاسانلىقچە تالاش – تارتىش بولمايدۇ.

    راخمانجان روسۇل تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.