مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى قەرز ھېسابىدا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟

    ئامانگۈل2017-04-28 16:45:54شىنجاڭ گېزىتى

    دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ X 2008 – يىلى 5 – ئايدا ئۈرۈمچىدە مەلۇم قۇرۇلۇش – بېزەكچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بېزەكچىلىك شىركىتى دېيىلىدۇ)نى 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغان. بېزەكچىلىك شىركىتى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى جاڭ X بىلەن ‹‹قۇرۇلۇش – بېزەش توختامى›› ئىمزالىغان. توختامدا بېزەكچىلىك شىركىتىنىڭ جاڭ Xنىڭ مېھمانسارىيىنى بېزەش قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدىغانلىقى، قۇرۇلۇش مۆھلىتىنىڭ شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنىگىچە بولىدىغانلىقى، بېزەكچىلىك شىركىتى ئەگەر بېزەكچىلىكنى ئۆز مۆھلىتىدە تاماملىمىسا، جاڭ Xكە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدىغانلىقىنى پۈتۈشكەن.

     شۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بېزەش قۇرۇلۇشى ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن. ئەكسىچە ۋاڭ X بېزەكچىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن. جاڭ X بېزەكچىلىك شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان. سوت مەھكىمىسى 1 – سوتتا قاراپ چىقىپ، بېزەكچىلىك شىركىتىنى جاڭ Xكە 300 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم چىقارغان. ۋاڭ X ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنمۇ قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان. جاڭ X مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ۋاڭ X بېزەكچىلىك شىركىتىنى ئاللىقاچان رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋەتكەن بولغاچقا، شىركەتتە ئىجرا قىلىدىغان مال – مۈلۈك قالمىغان. ۋاڭ Xنىڭ شەخسىي مال – مۈلكىنى ئېنىقلىيالمىغان بولغاچقا، ئىجرا قىلىش قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

     جاڭ X يېقىندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋاڭ X نىڭ نەچچە يىل مابەينىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم قۇرۇلۇش شىركىتىدە ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ نامىدىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندى ھېساباتىدا 190 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قالدۇقى بارلىقىدىن خەۋەر تاپقان ھەم سوت مەھكىمىسىدىن ھەمكارلىشىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

     تەھلىل: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ شۇبىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا جاۋابى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىدىن ‹‹تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 24 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى ھېساباتىدا ساقلانغان قالدۇق پۇلنى ئېلىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئاساسىي تۇرمۇش ۋە ئولتۇراق شارائىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، ئىجرا قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ھېساباتىدىكى قالدۇق پۇلىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

     تاڭ شۇبىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش جەريانىدا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئولتۇراق ئۆيى بولسا، شۇنىڭدەك ئولتۇراق ئۆينىڭ كۆلىمى شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكەن بولسا، مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ھېسابىدىكى قالدۇق پۇلىنى توڭلىتىشقا، تۇتۇپ قېلىشقا بولامدۇ – يوق؟ بۇنىڭدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋابى بويىچە ئىجرا قىلسا بولىدۇ. تۇرالغۇ جامائەت فوندى قالدۇقىنى ئېلىش شەرتىگە توشسا ھەمدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە ئولتۇراق شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىنسىلا ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ. تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزى ھەمكارلىشىپ ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    ياڭ شۇخەن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.