مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشكە بولىدۇ، ئەمما مەجبۇرىيەتتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ

    ئامانگۈل2017-04-28 16:45:51شىنجاڭ گېزىتى

    ئاينۇر ئابلىمىت

     يېقىندا توردا 72 ياشلىق لى موماينىڭ ئىككى قىزى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، ئۇلاردىن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى، ئايدا بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ موماي ئىككى قىزىنى ئىككى – ئۈچ ياش چېغىدىلا دادىسىغا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزى كېتىپ قالغان بولغاچقا، قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم.

     ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىچىك ۋاقتىدا بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، كېيىن ئۇلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئاتا – ئانىسىنى بېقىشنى رەت قىلسا بولامدۇ؟

     بالىلار ئانا مېھرىگە ئەڭ موھتاج ۋاقىتتا بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئۇلارنى تاشلاپ كەتكەن ئانىنىڭ ئەمدىلىكتە بالىلىرىدىن ئۆزىنى بېقىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئىككى قىزىنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق، سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككى جاۋابكارغا لى مومايغا ئايدا 250 يۈەندىن بېقىش ھەققى بېرىش ھەمدە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى داۋالىنىش خىراجىتى ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تەڭ ئىگە بولۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغان ئىككى جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. ئەلۋەتتە، ئۆزى بېقىپ قاتارغا قوشمىغان بالىلىرىدىن بېقىشنى تەلەپ قىلىش شەخسىيەتچىلىك بولۇپ، بۇنى ئىككى قىزىنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىن قوبۇل قىلمىقى تەس. ئەمما، سوت مەھكىمىسى ھېسسىياتنى ئەمەس، بەلكى قانۇننى ئۆلچەم قىلىدۇ.

     شىنجاڭ ‹‹كامالەت›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ئالىمجان ئەمەت چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشكە بولىدۇ، ئەمما مەجبۇرىيەتتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹نىكاھ قانۇنى››نىڭ 21 – ماددىسىدا: ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بار، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلىرى ئاتا – ئانىسىدىن بېقىپ تەربىيەلەش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ياكى تۇرمۇشى قىيىن بولغان ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىدىن قاراش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن. ئاتا – ئانىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقى بىلەن بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقى بىر – بىرىنى شەرت قىلمايدۇ. ئاتا – ئانا بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان بالىنىڭ ئاتا – ئانىدىن بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ناۋادا بالا ھېچقانداق ئۇسۇل ياكى شەكىلدە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ بېقىش ھەققى تەلەپ قىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

     دېمەك، بۇ مىسالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا – ئانىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئاتا – ئانىنى باقماسلىقنىڭ باھانىسى قىلىشقا بولمايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.