مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    ئۈندىدار توپىنى قۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىلەمسىز؟

    ئامانگۈل2017-04-28 16:45:52شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز مۇبارەك ئىسمائىل

     ئۈندىدارنىڭ بارلىققا كېلىشى تۈرلۈك ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرخىل مەزمۇن، ھەرخىل كىشىلەر توپىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئۈندىدار توپلىرىمۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئايلاندى. كۆپچىلىككە مەلۇم، يېقىنقى بىر مەزگىلدە ‹‹ئۈندىدار توپلىرىدا قانۇنسىز ياكى شەھۋانىي مەزمۇنلار تارقىتىلىپ قالسا، ئۈندىدار توپىنى قۇرغۇچىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن، شۇ توپتىكى ئەزالارنىڭمۇ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن›› دېگەندەك سۆزلەر تارقىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹يۈەنجى›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى مېڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: توپ قۇرغۇچى ئۈندىدار توپىنى قۇرغان ئىكەن، ئۇنىڭ توپنى ياخشى باشقۇرۇش، ئەزالارنى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىن خەۋەرلەندۈرۈش، ئەسكەرتىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، ئەگەر توپ قۇرغۇچى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماي، ئۆزى قۇرغان ئۈندىدار توپىدا چەكلەنگەن، قانۇنسىز ياكى شەھۋانىي مەزمۇنلار تارقىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلسا، ئۇنى تارقاتقۇچى بىلەن قوشۇلۇپ توپ قۇرغۇچىنىڭمۇ چاتما مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىپ، ئېغىر بولغاندا جىنايى جازاغا تارتىلىدۇ. توپتىكى باشقا ئەزالار قانۇنسىز مەزمۇنلارنى تارقىتىشقا بىۋاسىتە قاتناشمىغان بولسا، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. مىسالغا ئېلىپ ئۆتسەك، ئىچكىرىدىكى شې X 200گە يېقىن ئەزاسى بار بىر ئۈندىدار توپىنى قۇرغان، ئەمما ئۇ توپنى باشقۇرۇشتا پەرۋاسىزلىق قىلغانلىقتىن، ئۈندىدار توپىدا شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر كۆپلەپ تارقىتىلىپ، بۇ مەزمۇنلار ئۈندىدار توپىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالغان. نەتىجىدە، توپ قۇرغۇچى شې X مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، توپ ئەزالىرىنى شەھۋانىي مەزمۇنلارنى يوللاشتىن توسماي، شەھۋانىي مەزمۇنلارنىڭ ۋاسىتىلىك تارقاتقۇچىسى بولۇپ قېلىش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئالتە ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەن.

     توپ قۇرغۇچىنىڭ چاتما مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ قانۇن ئاساسى بار. 2010 – يىلى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا ‹‹ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ، مەخسۇس شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان توپلارنىڭ ئەزالىرى 30دىن ئاشقان بولسا، توپ قۇرغۇچىغا، باشقۇرغۇچىلارغا ۋە ئاساسلىق تارقاتقۇچىلارغا جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىنىڭ 364 – ماددىسى 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.

     ئۇنداقتا، ئۈندىدار توپىنى قۇرغۇچىنىڭ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى قانداق بولىدۇ؟ ئۈندىدار توپى قۇرغۇچى توپنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. توپ قۇرغۇچى توپتا پاراڭلىشىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى، توپتىكى پاراڭلارنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىنى قوغدىشى، توپ ئەزالىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىل نازارەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر توپ قۇرغۇچى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئادا قىلمىسا، قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

     توپ قۇرغۇچى قانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن؟ بىرىنچى، ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتى. مەسىلەن: توپ باشلىقى توپ ئەزالىرىنىڭ باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلغان ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا چەكلىمىگەن بولسا، شۇ ئۇچۇرنى تارقاتقۇچى بىلەن تەڭ چاتما جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش. توپ ئەزالىرى تارقاتقان جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازالاش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان قانۇنسىز ئۇچۇرلارغا قارىتا، توپ قۇرغۇچى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، شۇ مەزمۇننى تارقاتقۇچى بىلەن تەڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسىغا تارتىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاش. توپ ئەزالىرىنىڭ قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، توپ قۇرغۇچى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ۋاسىتىلىك قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھېسابلىنىپ، ئورتاق جىنايەت ئۆتكۈزگەن، دەپ قارىلىدۇ. ۋاسىتىلىك قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە زىيان ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، بۇنداق قىلمىشنى يەنىلا داۋاملىق سادىر قىلىۋېرىدىغان بىر خىل پىسخىكىلىق ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.