مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    پىچان ناھىيەسى ئاياللارنى قانۇن بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتتى

    ئامانگۈل2017-04-27 11:00:22شىنجاڭ گېزىتى

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېزا – كەنتلەردىكى ئاياللارنى قانۇن بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتتى.

     پىچان ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنى قانۇن بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، يىل بېشىدىن ھازىرغىچە نىكاھ قانۇنى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنى 44 مەيدان (قېتىم) تەشۋىق قىلىپ، 36 مىڭ 900 پارچە تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتتى؛ 542 ئايالغا قانۇندىن مەسلىھەت بەردى. ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغان 14 ئايالنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىدى؛ 12 بالىنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلدى؛ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان 11 ئايالغا 23 مىڭ يۈەن؛ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان، ئوتقا ياكى قايناق سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئون بالىغا ‹‹بىر يۈەن فوندى››دىن 16 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.