مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئادەتلەنگەن ئوغرى تۈرمىگە يول ئالدى

    ئامانگۈل2017-04-24 16:58:24شىنجاڭ گېزىتى

     پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى مەلۇم كەنتىدىكى نۇر ئېلى 30 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتماي ئوغرىلىقنى كەسىپ قىلىۋالغانىدى. يېقىندا ئۇ خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 5000 يۈەن ئىشتىراپ قويۇشقا ھۆكۈم قىلىندى.

     نۇر ئېلى 2015 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە تېرىم يېزىسىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى دېھقان ئەخمەتنىڭ ئۆيىنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، ئىچىدىن تاقالغان ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ھويلىغا توختىتىپ قويۇلغان 6000 يۈەن قىممىتىدىكى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىنى ئېلىپ چىقىۋاتقاندا زىيانلانغۇچى تۇيۇپ قالغانلىقتىن، توكسىكلىتنى قويۇپ قاچقان.

     شۇ ئىش يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئۇ يەنە قوشنا كەنتتىكى تالىپنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، ھويلىسىدىكى 2750 يۈەن قىممىتىدىكى بەش دانە ئاككۇمۇلياتور ۋە 120يۈەن قىممىتىدىكى زەرەتلىگۈچنى ئوغرىلاپ چىقىپ، ناھىيە بازىرىدىكى تىلىۋالدىغا 2100 يۈەنگە سېتىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېرىم يېزىسىنىڭ ھەر قايسى قوشنا كەنتلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلغان. 2015 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنىگىچە بولغان بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە سەككىز قېتىم ئوغرىلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ 26 مىڭ 460 يۈەن قىممىتىدىكى مال – مۈلكىنى ئوغرىلاپ، كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان. ج خ خادىملىرىنىڭ رازۋېدكا قىلىشى ئارقىلىق دېلو پاش بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى 2016 – يىل 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ، شۇ يىلى 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.

    (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

    راخمانجان رۇسۇل، ئادىلجان مەمەت

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.