مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    ئاپرېل ئايلىرىدىكى گۈزەل چاقىلىق

    پەرغانە غوپۇر2017-04-20 09:56:36تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: كىشىلەر يېڭى بىر يىلدىكى ھاۋا ئىللىپ، چېچەكلەر خۇشپۇراق چاچىدىغان باھاردىكى ئاپرېل ئايلىرىنى كۈتۈۋالدى. يۇرت-يۇرتلاردىكى قىشىلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئۆسۈملۈك ۋە گۈللەر باھار شامىلىنىڭ لەرزان يەلپۈتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا بويىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭدەك چاقىلىق ناھىيەسىمۇ باھاردىكى چېچەك پەسلىنى كۈتۈۋالدى. ھەممە جاينى يېشىللىق قاپلاپ، چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، گۈلگە شەيدا بۇلبۇللارنىڭ خۇش ناۋاسى ياڭراشقا باشلىدى.

        باھارنىڭ قەدىمى يېتىپ ھاۋا ئىللىشى بىلەن ئوماق بالىلارنىڭ سىرتلاردىكى كۆڭۈللۈك پائالىيەتلىرى باشلاندى. باغچا، مەيدانلاردا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئويناقشىپ يۈرگەن ئوماقلارنىڭ سىماسى ئۇچراپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان گۈزەل مەنزىرە كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا ئالدى.

    (ۋاڭ يى، ساۋ يۆ، ۋاڭ سىشىن فوتوسى)

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.