مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى مەبلىغى ئەمەلىيلەشتى

    مەۋلۇدە2017-04-20 09:32:29تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى خەرىتىسى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەربىيە ئەركىن خەۋىرى، فوتوسى: 18-ئاپرېل، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى مەركەز خامچوت مەبلەغ پىلانىغا ئاساسەن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدە مەركەز خامچوت مەبلىغىگە ئېرىشكەن.

        ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بۇ يىل چەت-ياقا رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان 204 ئائىلىلىك 785 نوپۇسنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە تۇرالغۇ ئۆي ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىدىكەن.

        نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغان بولۇپ، يېقىندا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئۆكتەبىردە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.