مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

    بۇئايشەم2017-04-20 09:50:35تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

      شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 19-ئاپرېل تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 19 - ئاپرېل گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيخەي شەھىرىدىكى خېپۇ خەن سۇلالىسى مەدەنىيەت مۇزېيىغا كېلىپ، دېڭىز ئۈستىدىكى «يىپەك يولى» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. فار-فۇر بۇيۇملار، بىرونزا دەۋرىدىكى بۇيۇملار، ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار، خرۇستال ھېقىقلار، كەھرىۋا ... بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى  خېپۇ دېڭىز ئۈستى «يىپەك يولى»نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تارىخقا شاھىد بولالايتتى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىلىرىنىڭ دەۋرى، ئالاھىدىلىكى، مەنبەسىنى تەپسىلىي ئىگەللەپ، قەدىمىي دېڭىز ئۈستى «يىپەك يولى» نىڭ سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى  سوراپ، بۇ جاينىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىگە ئىگە جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.