مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەر قايسى ئورۇنلارغا بۇيرۇق يوليورۇقى بەردى

    ئامانگۈل2017-04-19 10:41:06شىنجاڭ گېزىتى

    پۈتكۈل ئارمىيەدە جۈن دەرىجىلىك ئورۇندىن 84ى يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەندى

    شى جىنپىڭ يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەر قايسى ئورۇنلارغا بۇيرۇق يوليورۇقى بەردى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەم ھەر قايسى ئورۇنلارغا بۇيرۇق يوليورۇقى بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇننى پۈتۈن زېھىن بىلەن تاۋلاپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەم تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

     چۈشتىن ئىلگىرى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دا، شى جىنپىڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› بىناسىغا كېلىپ، يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك بارلىق ئورۇنلار ۋە بارلىق كوماندىر – جەڭچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

      ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بۇيرۇق يوليورۇقى بېرىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتكۈل ئارمىيەدە جۈن دەرىجىلىك 84ئورۇننى يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەشنى قارار قىلدى. بۇ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش يولىدا باسقان يەنە بىر مۇھىم قەدىمى، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلار يېڭى تۈزۈلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر.

     شى جىنپىڭ يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارغا تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

     بىرىنچى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك.

     ئىككىنچى، جەڭ قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، جەڭگىۋار قوشۇنلۇق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەربىي ئىشلار، جەڭ، ئۇرۇش قىلىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي ھەرىكەت تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا ھەر ۋاقىت قۇلاق سېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئاتا قىلغان مۇقەددەس بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش كېرەك.

     ئۈچىنچى، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەر ۋاقىت ئاشۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش تەلىپىگە، يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى ئىشتاتقا ماسلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىمنىڭ پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سەرخىل جەڭ قىلىش كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سۈپەت – ئۈنۈم تىپى ۋە پەن – تېخنىكا كۆجۈملەشكەن تىپقا قاراپ ئۆزگىرىشنى تېزلىتىپ، يىمىرىلمەس جەڭگىۋار كوللېكتىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

     تۆتىنچى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جەڭ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى، ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق ۋە كوللېكتىۋىزملىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان يېڭىلمەس غەيرەت – شىجائەتنى يېتىلدۈرۈپ، بىرىنچىدىن جاپادىن، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان قەھرىمانە جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قىسىم كەيپىياتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ‹‹جاسارەتلىك، قابىلىيەتلىك، جىگەرلىك، پەزىلەتلىك›› يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈپ، ‹‹قەتئىي ئىشەنچلىك، ئېتىقادلىق، ئىنتىزامچان، زىممىسىگە ئالايدىغان›› قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن قىسىمنى تاۋلاپ چىقىپ، خەلق ئارمىيەسى ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

     ۋاڭ يىنفاڭ، يۈەن خۇاجى، ۋاڭ چېڭنەن، لى جۈن، خې شىڭبو، چېن شۇمىن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكىتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم ۋە ئۆلكە ھەربىي رايون سىستېمىسىدىكى جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ۋاكالىتەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇق يوليورۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەڭدە غەلىبە قازىنىشقا تەييارلىق قىلىپ، ۋەزىپىنى قەتئىي تاماملاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى قەتئىي ئورۇنداپ، ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزا قويغان ئارمىيە – قىسىم ۋە ئۆلكە ھەربىي رايون سىستېمىسىدىكى جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارنى تەڭشەپ تەشكىللەش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى ۋە قارارىنى ئوقىدى.

     مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چاڭ ۋەنچۈەن، فاڭ فېڭخۇي، جاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يۇشيا، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخې پائالىيەتكە قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.