مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇنلار

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى

    ئامانگۈل2017-04-18 17:21:00شىنجاڭ گېزىتى

     (2014–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12–يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2016 –يىل 7–ئاينىڭ 2–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21–يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب سۇ يولى يىرىك پىلانى

    3 – باب سۇ يولى قۇرۇلۇشى

    4 – باب سۇ يولىنىڭ ئاسرىلىشى

    5 – باب سۇ يولى مۇھاپىزىتى

    6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن سۇ يولى يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، ئاسرىلىشى، مۇھاپىزىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، سۇ يولىنىڭ راۋانلىقى ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سۇ يولى تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ يولى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى دەريا، كۆل قاتارلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇ دائىرىسىدە كېمە، پاراخوتلار قاتنايدىغان يولنى شۇنىڭدەك ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكىدە كېمە – پاراخوتلارنىڭ قاتنىشى ئۈچۈن ياسالغان، ئاسرالغان يولنى كۆرسىتىدۇ. سۇ يولى قاتناش قۇرۇلمىلىرى، سۇ يولىنى ئوڭشاش قۇرۇلمىلىرى ۋە يۈرۈش بەلگىسى قاتارلىق سۇ يولى ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    3 – ماددا سۇ يولىنى پىلانلاش، ياساش، ئاسراش، قوغداشتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۇ بايلىقىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ۋە قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بويسۇنۇش، سۇ بېرىش، سۇغىرىش، توك بېرىش ئىشلىرى ۋە بېلىقچىلىق ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش، سۇ بايلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    4 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ يولى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماقلارنى تەدبىر قوللىنىپ، سۇ يولى قاتناش شارائىتىنى ساقلاش ۋە ياخشىلاش، سۇ يولى بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سۇ يولى تورىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە راۋانلىقىنى ساقلاشقا تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئۈندىشى كېرەك.

    گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋە سۇ يولىنى ياساش ۋە ئاسراش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مالىيە خامچوتىدا سۇ يولى ياساش ۋە ئاسراش مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

    5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ يولىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان مۇھىم غول سۇ يولى ۋە خەلقئارا دەريا، چېگرا دەريا سۇ يولى قاتارلىق مۇھىم سۇ يوللىرىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەۋەلىكىدىكى سۇ يولىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرغان سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئاپپارات ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپپاراتى (تۆۋەندە سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق دېيىلىدۇ) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇ يولىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    2 – باب سۇ يولى يىرىك پىلانى

    6 – ماددا سۇ يولى يىرىك پىلانى مەملىكەتنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانى، ۋادى سۇ يولى يىرىك پىلانى، رايون سۇ يولى يىرىك پىلانى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانى دەپ ئايرىلىدۇ.

    سۇ يولى يىرىك پىلانى سۇ يولىنىڭ رولىنى بېكىتىش، پىلانلاش نىشانى، تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تېخنىكىلىق دەرىجە، يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش قەدەم – باسقۇچى شۇنىڭدەك كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

    سۇ يولى يىرىك پىلانى قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ۋادى، رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى، سۇ بايلىقى يىرىك پىلانى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى ۋە دېڭىز – ئوكيان فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ ئايرىلىشىغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە سۇ بايلىقىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار كەسپىي يىرىك پىلان شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى قاتارلىق باشقا ئالاقىدار يىرىك پىلان ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش رايونى ئايرىشقا ماس كېلىشى كېرەك.

    7 – ماددا سۇ يولى تېخنىكىلىق دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. سۇ يولىنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى ھازىرقى تېخنىكىلىق دەرىجە بىلەن تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تېخنىكىلىق دەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇ يولى تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تېخنىكىلىق دەرىجىنى ئالاقىدار تەبىئىي شارائىتقا شۇنىڭدەك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بېرىش، سۇ بايلىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تەلىپىگە ۋە سۇ تىرانسپورتى تەرەققىيات ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بېكىتىش كېرەك.

    8 – ماددا مەملىكەتنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات – ئىسلاھات تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ. ۋادى سۇ يولى يىرىك پىلانى، رايون سۇ يولى يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

    ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات تارمىقى، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىرلىكتە تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ.

    سۇ يولى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگاندىن پىكىر ئېلىش ھەمدە مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش كېرەك. دېڭىز دائىرىسى، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، تەڭ دەرىجىلىك دېڭىز – ئوكيان مەسئۇل تارمىقىنى، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. مەملىكەتنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانىنى، ۋادى سۇ يولى يىرىك پىلانىنى ۋە رايون سۇ يولى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

    ۋادى سۇ يولى يىرىك پىلانى، رايون سۇ يولى يىرىك پىلانى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانى مەملىكەتنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

    9 – ماددا قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ھەمدە ئېلان قىلىنغان سۇ يولى يىرىك پىلانىنى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك؛ سۇ يولى يىرىك پىلانىنى تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، تۈزۈش تەرتىپى بويىچە تۈزىتىش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.