مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    ئىلگىرى يىغقان پۇلغا تويدىن كېيىن ئۆي سېتىۋالسا، بۇ ئۆي ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى ھېسابلىنامدۇ؟

    مەۋلۇدە2017-04-18 17:17:23شىنجاڭ گېزىتى

     مىسال: ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ دەن بىلەن جاۋ لىن ھەر ئىككىسى بىر قېتىم ئاجراشقان بولۇپ، كېيىن توردا تونۇشۇپ، 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تىزىملىتىپ توي قىلغان ھەم مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق جاۋ لىننىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا كېلىشكەن. ئۇلار توي قىلىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن جاڭ دەن ئۆزىنىڭ ئىلگىرى يىغقان پۇلىغا ئۆي سېتىۋالغان ھەم ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ نامىغا يازغان.

        2016 – يىلى ئۇلار كېلىشەلمىگەنلىكتىن كېلىشىم ئارقىلىق ئاجراشماقچى بولغان. ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆي جاۋ لىننىڭ تويدىن ئىلگىرىكى مۈلكى بولغاچقا، جاڭ دەن بۇنىڭغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىغان. بىراق، جاۋ لىن جاڭ دەن تويدىن كېيىن سېتىۋالغان ئۆينى ئىككىيلەننىڭ ئورتاق مۈلكىگە تەۋە دەپ قارىغان. جاڭ دەن مۇنداق دەپ قارىغان: تويدىن كېيىن ھەر ئىككىيلەن ئۆزىنىڭ پۇلىغا ئۆزى ئىگە بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار بۇ ئۆينى توي قىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن سېتىۋالغان بولۇپ، ئۆينى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئاشخانا ئېچىپ تاپقان پۇلىغا سېتىۋالغان.

        تەرەپلەر بۇ توغرىسىدا بىردەكلىككە كېلەلمىگەندىن كېيىن، جاۋ لىن 2016 – يىلى 12 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، جاڭ دەن تويدىن كېيىن سېتىۋالغان ئۆينى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنداقتا، ئەر ياكى خوتۇن بىر تەرەپ توي قىلىشتىن ئىلگىرى يىغقان پۇلىغا تويدىن كېيىن ئۆي سېتىۋالسا، شۇنداقلا ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ نامىغا يازسا، بۇ ئۆي ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تويدىن كېيىنكى ئورتاق مۈلكى بولامدۇ؟

        چۈشەندۈرۈش: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ۋۇ شىنگاڭ مۇنداق دېدى: ئاجرىشىش دېلولىرىدا تۇرالغۇ ئۆينىڭ شەخسىي مۈلۈك ياكى ئورتاق مۈلۈككە تەۋە ئىكەنلىكىنى بېكىتىشتە، سېتىۋالغان ھەم مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاتقان ۋاقىتقىلا قارىماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆي سېتىۋالغان پۇلنىڭ ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئورتاق مۈلكىمۇ ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى››نىڭ 18 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بىر تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى پۇل، مال – مۈلكى ئەرنىڭ ياكى خوتۇننىڭ بولىدۇ؛ ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى>نى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى(1)››نىڭ 19 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەر ياكى خوتۇننىڭ ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلۈكنى نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىشى سەۋەبلىك ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مال – مۈلكى قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ باشقا كېلىشىمى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

        جاڭ دەن سېتىۋالغان ئۆينىڭ مەبلەغ مەنبەسى جاڭ دەننىڭ تويدىن ئىلگىرىكى شەخسىي مۈلكى بولۇپ، گەرچە ئۆينى سېتىۋالغان ھەم مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاتقان ۋاقتى تويدىن كېيىن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.

        ۋۇ شىنگاڭ مۇنداق دېدى: شەخسىي مۈلۈك بىلەن ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى ئارىلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، پەقەت تويدىن ئىلگىرىكى شەخسىي مۈلكىنىڭ سوممىسى تويدىن كېيىنكى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق تىجارەت قىلىپ تاپقان مۈلكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپ بولسا، ئاندىن ئارىلىشىپ كەتكەن قىسمىدىن بىر قىسمىنى ئايرىپ چىقىرىپ، تويدىن ئىلگىرىكى شەخسىي مۈلكى دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ھەممىسى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى دەپ قارىلىدۇ.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.