مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    قۇلۇپ كېسەر ئوغرىلار بارار جايىنى تاپتى

    مەۋلۇدە2017-04-18 17:11:59شىنجاڭ گېزىتى

     پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئوسمان بىلەن 2014–يىلى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن 18 ياشلىق سەمەت ئىككىيلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئوقۇشتىن چېكىنگەن دوستلاردىن ئىدى.

     ئوسمان بىلەن سەمەت 2016–يىل 25–فېۋرال ئوغرىلىق قىلىپ بېيىش پىلانىنى تۈزۈشىدۇ ھەم ئوسماننىڭ دادىسى ئاچقان بەش خىل مېتال دۇكىنىدىن تۆمۈر كېسىدىغان قايچا ئېلىپ، ئوسماننىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتى بىلەن بارىن بازىرىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى مەنساخاننىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا بارىدۇ. ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە سەمەت ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئوسمان قايچا بىلەن قۇلۇپنى كەسكەندىن كېيىن، ئىككىيلەن بىرلىكتە ھويلىغا كىرىدۇ، كارىدورغا سېلىنغان قۇلۇپنىمۇ ئوڭۇشلۇق كەسكەندىن كېيىن، ئۇلار مېھمانخانىغا كىرىپ، 7500 يۈەن قىممىتىدىكى 55 دىيوملۇق رەڭلىك تېلېۋىزور، بىر دانە ناخشا تاللاش ئۈسكۈنىسى، بىر جۈپ ياڭراتقۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ چىقىپ، ئوسماننىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويىدۇ. ئوسمان ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغرىلىغان ھارام ماللارنى رىشىتكە يالغان سۆزلەپ، رىشىتنىڭ 30 دىيوملۇق تېلېۋىزورى، تېلېۋىزور ئۈستىلى ۋە 1200 يۈەن نەق پۇل بىلەن تېگىشىپ، سەمەتكە 200 يۈەن بېرىدۇ، قالغان پۇللارنى خەجلەپ تۈگىتىدۇ. زىيانلانغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى، ج خ رازۋېدكا خادىملىرىنىڭ رازۋېدكا قىلىشى بىلەن بۇ دېلو پاش بولۇپ، ئوسمان، سەمەتلەر قولغا ئېلىنىدۇ.

     پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلوغا سوت ئېچىپ، جاۋابكار ئوسمانغا ئوغرىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك يەتتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 1000 يۈەن ئىشتىراپ قويۇش؛ جاۋابكار سەمەتنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، 1000 يۈەن ئىشتىراپ قويۇپ، ئىلگىرى ئىجرا قىلىپ بولالمىغان مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

    راخمانجان روسۇل، ئادىلجان ئەركىن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.