مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى›› قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)

    ئامانگۈل2017-04-18 17:14:11شىنجاڭ گېزىتى

    (2016–يىل 7–ئاينىڭ 2–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    48 – نومۇرلۇق

     ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى> قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2016 – يىل 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى.

     ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› دىكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2016 – يىل 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى

    12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنى مۇنداق قارار چىقاردى:

    ...

     6.‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

     28 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقى: ‹‹سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاتمىغان بولسا ياكى تەكشۈرگۈچى تارماق تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش تۈرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن دەپ قارىسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلدۇرسا بولمايدۇ. ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەردە سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاتمىغان بولسا ياكى تەكشۈرگۈچى تارماق تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش تۈرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن دەپ قارىسا، قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل تارماق تەستىقلاپ بەرمەيدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

     بۇ قاراردىكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.