مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ سانتومې ۋە پىرىنسىپى زۇڭلىسى تروۋادا بىلەن كۆرۈشتى

    ئامانگۈل2017-04-16 15:10:01شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خەلق سارىيىدا سان تومې ۋە پىرىنسىپى زۇڭلىسى تروۋادا بىلەن كۆرۈشتى.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو – سان تومې ۋە پىرىنسىپى مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، سان تومې ۋە پىرىنسىپى جۇڭگو – ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق چوڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ، ھازىرقى دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتى. جۇڭگو زۇڭلى ئەپەندىنىڭ جۇڭگو – سان تومې ۋە پىرىنسىپى مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ، سان تومې ۋە پىرىنسىپى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، پارتىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىدە بىر – بىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك.ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئاۋۋال قوللاپ، ساياھەتچىلىك، بېلىقچىلىق، يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ چوڭ ساھەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ۋە خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈۋرۈك كاپالەتنى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، ياشلار، ئاياللار قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەلرايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو سان تومې ۋە پىرىنسىپى بىلەن بىرلىكتە دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ب د ت نىڭ 2030 – يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئافرىقا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەقىقىي، سەمىمىي سىياسىي ئىدىيە ۋە توغرا ئادالەت – مەنپەئەت قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە تەرەققىياتنى جانلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى قوللاپ، ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

     تروۋادا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سان تومې ۋە پىرىنسىپى خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سان تومې ۋە پىرىنسىپى خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدى. جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سان تومې ۋە پىرىنسىپىدا كەڭ قوللاشقا ئېرىشتى. سان تومې ۋە پىرىنسىپى ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان ھەقىقىي ۋە سەمىمىي سىياسىتىنى يۈكسەك تەرىپلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە ئىشىنىش روھىغا ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد – سودا، ئۇل ئەسلىھە، ساياھەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا بىر – بىرىنى قوللاشنى قۇيۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

     دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.