مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    خۇيىنى تاشلىمىغان ‹‹مېھمان›› جازالاندى

    پەرغانە غوپۇر2017-03-29 14:49:24شىنجاڭ ەېزىتى

    راخمانجان روسۇل، ئادىلجان ئەركىن

     لوپ ناھىيەسىدىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن سادىر پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ياغاچچىلىق قىلدى، قورۇدىكىلەر ئۇنى ‹‹مېھمان›› قاتارىدا كۆرۈپ، تېزلا ئارىغا ئالدى ۋە ياغاچچىلىق ئىشلىرى بولسىلا سادىرغا قىلدۇردى. لېكىن ئۇ بىرەر يىل شۈك يۈرگەن بولسىمۇ، ئىلگىرىكى خۇيىنى تاشلىماي ئەپت – بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، قانۇن تورىغا چۈشتى.

     2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سادىرنىڭ ‹‹كونا كېسىلى›› قوزغىلىپ، ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئالدىدا ئەھۋال كۆزەتتى. دوختۇرخانا ئالدىدا خېلى كۆپ موتوسىكلىت توختىتىلغانىدى، ئۇنىڭ قادىرنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىغا كۆزى چۈشۈپ، توكسىكلىتنىڭ زاجگان سىمىنى ئۈزۈپ ئوغرىلىدى – دە، مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كېلىپ، ناتونۇش بىرەيلەنگە 1600 يۈەنگە سېتىپ، پۇلنى خەجلىۋەتتى.

     سادىر 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن لوپ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىل، ئىككى ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنىدى. بۇ قېتىم تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن پەيزاۋات ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ، 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىندى. ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى يېقىندا سوت ئېچىپ، جاۋابكار سادىرغا ئوغرىلىق جىنايىتى ئۈچۈن بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 1000 يۈەن ئىشتىراپ قويدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.