مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭنىڭ پەن–تېخنىكىدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىدى

    ئامانگۈل2017-03-21 10:48:34

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭ پەن – تېخنىكىدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. كېرىيە ناھىيەسى يولغا قويغان توشقانزەدىكىنى ئېكولوگىيەلىك ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىلا توشقانزەدىكى ئۆستۈرگەن ھەر بىر ئائىلىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كىرىمى 70مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

     مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكىدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرى ھەممە يەردە تەڭ يولغا قويۇلغان، بۇ تۈرلەر ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، بايلىق ئېچىش، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، پەن – تېخنىكىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقى، بايلىق، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى تىرەكلىك رولى جارى قىلدۇرۇلغان.

     خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە توشقانزەدىكىنى ئېكولوگىيەلىك ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە نەيچىسىمان گۈللۈك توشقانزەدىكى ۋە يۇلغۇن پارازىت ئىگىسى قىلىنغان 5000 مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم مەھسۇلاتلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىنىپ، مو بېشى ھوسۇلى 300 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، يىلدا نەيچىسىمان گۈللۈك توشقانزەدىكىدىن 1500 توننا ھوسۇل ئېلىنغان، توشقانزەدىكى ئۆستۈرگەن دېھقان – چارۋىچى 3000 ئائىلىگە يېتىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشقان؛ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىدىكى شورلۇق سۇنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش تۈرىدە، پەن – تېخنىكا تارماقلىرى يەرلىكتىكى 69 مەكتەپكە تۈركۈمگە بۆلۈپ شورلۇق سۇنى سۈزگۈچ بىلەن دىستىللەپ تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرىدىغان ئوتتۇراھال، كىچىك تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك قۇرۇلما ئورنىتىپ ۋە تەڭشەپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 25 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىي ئىقتىساد تىپىدىكى ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشىدا، دەسلەپكى قەدەمدە 80مىڭ مو ئىقتىساد تىپىدىكى ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىنىپ، يىللىق بىۋاسىتە كىرىمنىڭ 140مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

     شىنجاڭ پەن – تېخنىكىدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا يەنە تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، زامانىۋى پەن – تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭيى دورىگەرلىكى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، بىر تۈركۈم دورىلارنىڭ ئىجادىي ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىق تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر – سەنئىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يېڭىلىق يارىتىلغان دورا، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى بويىچە يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلارنى بازارغا سالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ مۇھىم پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرى ‹‹مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى›› يولغا قويۇلۇپ، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ رېماتىزم، زۇكام، جىگەر ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىرى قاتارلىقلارنى داۋالاشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى بېكىتىلدى، شىنجاڭدا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ‹‹مۇرەككەپ يىزۇخو ئەمىنى جەۋھىرى››، ‹‹زۇكام جەۋھىرى››، ‹‹سۆرىنجان كاپسۇلى ››، ‹‹ مۇنزىچ جەۋھىرى›› جېجياڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى خېلى كۆپ دوختۇرخانىلارنى قاپلىدى ۋە داڭ چىقاردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.