مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹جۇڭگو ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››نى تارقاتتى

    ئامانگۈل2017-03-21 10:48:35شىنجاڭ گېزىتى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››نى تارقاتتى. ‹‹لايىھە››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ساھەسىنىڭ خەلق تەشكىلاتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى جەزمەن مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلاپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

      ‹‹لايىھە››دە جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئومۇمىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ‹‹لايىھە›› دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەقىقىي ھەل قىلىنىپ، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاساسىي فۇنكسىيەسىنىڭ ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىتتىپاقلاشتۇرۇش – يېتەكلەش، ئالاقىلىشىش – ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش – باشقۇرۇش، تەلەپچان بولۇش – ھوقۇق – مەنپەئەتنى قوغداشقا كېڭىيىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسى ۋە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇپ، تور ئەدەبىيات – سەنئىتى ۋە يېڭى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئومۇمىي تەسىر كۈچى روشەن كېڭەيتىلىدۇ، ساھە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جەلپكارلىقى، يېتەكلەشچانلىقى، ئىشەنچلىكلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئۇيۇشۇش كۈچى كۈچلۈك، ئىللىق، ئىناق ئائىلىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

     ‹‹لايىھەدە يەنە ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاش، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق جەمئىيەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ھەم خادىم سەپلەشنى ئىسلاھ قىلىش، تەڭشەش، شۇنداقلا ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى 40 نەچچە تۈرلۈك كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.