مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلار يىغىنى ئاچتى

    ئامانگۈل2017-03-21 10:48:37شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

      لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگان كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى تەلىپىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈش، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشى كېرەك. باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىدىيە، تونۇش، قەدەم ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ ئورگاننىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ پائالىيەتنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئورگاننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش نۆۋەتچىلىك خىزمىتىدە يوچۇق، قارىغۇ رايون ۋە بوشلۇق قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ باش نىشاننى چۆرىدەپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كېڭىشىش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە چۈشىنىشلىك، ۋەزنى ھەم قىممىتى بار پىكىر – تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىشىمىز؛ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز؛ ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشاد ئابدۇقادىر، كادىرقان مىراسقان، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.