مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    تاپشۇرۇقنى قەلبىمىزگە مەھكەم پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئالايلى

    ئامانگۈل2017-03-21 10:48:37شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلاردا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇ پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلمىي كۆرسەتكۈچ ۋە تۈپ مىزان. بۇ مۇھىم سۆز بىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بىزنى قىبلىنەما بىلەن تەمىنلىدى ۋە بىزگە غەيرەت بېغىشلىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىي خىزمەتلەر جەريانىدا كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، مېھىر – شەپقىتى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي جەريانىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى

     باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يېقىندا ھەرقايسى جەمئىيەتلەر، ھەر قايسى ژۇرنال تەھرىراتلىرى، ئورگاننىڭ ھەرقايسى بۆلۈم (باشقارما) ئىشخانىلىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلار بويىچە تەتقىق قىلىپ مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى جەمئىيەتلەر، ھەر قايسى ژۇرنال تەھرىراتلىرى، ئورگاننىڭ ھەر قايسى بۆلۈم (باشقارما) ئىشخانىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ‹‹ئەمەلىي بولۇش››نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلدۇرۇپ، نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى

     ساياھەتچىلىكنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بارلىق كادىرلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى، مەدەنىيەت بايلىقى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ‹‹شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش›› ئىستراتېگىيەسىدىكى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇشنى يادرو قىلىپ، ساياھەتچىلىككە دائىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ساياھەتچىلىكتە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇشتەك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى

     مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، لاياقەتلىك ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن بولايلى

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە كىشىنى دادىل سۆزلەيدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان، سۆزلەشكە ماھىر بولغان تەشۋىقات – لېكسىيە سۆزلەش تايانچلىرىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى بويىچە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاق ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، دائىملىق تەربىيە، ئىتتىپاق تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش، تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش – تاپشۇرۇۋېلىش، ئىتتىپاق ئەزالىق بەدىلىنى يىغىش – تاپشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، ‹‹ئۈچ يىغىن، ئىككى تۈزۈم، بىر دەرس›› تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لاياقەتسىز ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئىتتىپاق ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلغان ھالدا، ‹‹باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، لاياقەتلىك ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن بولۇش›› مەخسۇس تېمىسىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ئېچىش كېرەك.

     قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەيمىز

     قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېيىشتى: مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت پولات ئىستېھكامنى مۇستەھكەملەيمىز.

     قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى 3 – تارماق ئەترىتىدىكى كادىر ئەخمەت مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھاۋا ۋە قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالمايمىز، لېكىن ئۇنىڭدىن ئايرىلساق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، بىز ۋە ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پولات ئىستېھكام بەرپا قىلىمىز.

     شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى

     شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداشتىكى ياخشى مۇقىملاشتۇرغۇچ بولىمىز

     باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، بۇ شىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە فۇنكسىيەلىك بۇرچىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى. شىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنى ساقلاۋاتقان خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى ۋە قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ئىز باسارلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قىزىل گېنغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئۈلگىلىك ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، باشتىن – ئاخىر تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىمىز. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق، ئارمىيە بىلەن ساقچى ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقىمىز. مەۋقەنى ھازىرقى قورال – جابدۇق شارائىتىغا قويۇپ، ھەربىي ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىنى كۈچەيتىمىز. تارىخىي مەسئۇلىيەت بىلەن، تاغدەك بۇرچىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداشتىكى ياخشى مۇقىملاشتۇرغۇچ بولىمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

     تەھقىقلەشكە ئالدىن ئارىلىشىپ ۋە يېتەكلەپ، تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئورگان باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش خادىملىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش نىشان ئارقىلىق تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتتە يۆنىلىش توغرا، نىشان ئېنىق، ئىشەنچى تولۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، تۈزەش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرى ۋە زوراۋان – تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە دەل جايىدا زەربە بېرىپ، تەھقىقلەشكە ئالدىن ئارىلىشىپ ۋە يېتەكلەپ، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، ئەيىبلەش قاتارلىق تۈرلۈك تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

    (مۇخبىرلىرىمىز مايگۈل ھېيتقازى، يەن شياۋجۈەن، جيا چۈنشيا، مېھرىگۈل ناسىر، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ گويىن يازغان)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.