مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    باش باھاردا ئۈرۈمچىدە قار ياغدى

    پەرغانە غوپۇر2017-03-21 10:43:52تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    20-مارت سائەت 18:19 ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى «ياشلار يولى» دا كىشىلەر يېغىۋاتقان قارغا قارىماي يوللىرىنى داۋام ئەتمەكتە.

        شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 20 - مارت، كىشىلەر گەرچە «ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش» مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدە يەنىلا قار ياغدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشچە سائەت 20:00 قەدەر ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 3.5 سانتىمېتىرغا يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 21-مارت چۈشتىن بۇرۇن قار توختايدىكەن. مېتېئورولوگىيە ئۆلچىمى بويىچە، ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا0 تىن يۇقىرى بولسا باش باھار پەسلى يېتىپ كەلگەن بولىدىكەن، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تېمپېراتۇرا بۇ ئۆلچەمگە يېتەلمەيدىكەن. كېلەر ھەپتىدە تېمپېراتۇرا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا باش باھارنى كۈتۈۋالىدىكەن.

      

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.