مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    تۇرپاندا تەك ئېچىش باشلاندى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-20 10:31:32تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     15-مارت، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرىدا بىر دېھقان تەكلىرىنى(ئۈزۈم تاللىرىنى) توپىدىن چىقىرىپ، باراڭغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، تەك ئېرىقىنى تۈزلىمەكتە. مارتتا، تۇرپاندا زېمىن ئىللىيدۇ، يەرلىكتىكى دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن توپىغا كۆمۈپ قىشتىن ئۆتكۈزگەن تەكلىرىنى ئېچىپ، باراڭغا ئالىدۇ. بۇ يىل تۇرپاندا تەك ئېچىش خىزمىتى 10-مارتتىن 25-مارتلارغىچە بولۇپ، يەرلىك 12 مىڭ نەپەر ئاھالىدىن ئۆزئارا ياردەملىشىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يېزا-كەنتتىكىلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىش، تەكلەرنى نۆۋەتلىشىپ ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق، تەك ئېچىش مەزگىلىدە ئەمگەك كۈچى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. (شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.