مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

    ئامانگۈل2017-03-20 10:23:33شىنجاڭ گېزىتى

    − 2017-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا بېرىلگەن

    گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ

     ۋەكىللەر:

     مەن ھازىر گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

     1. 2016-يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

     ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن ئىچكى-تاشقى زىددىيەت، خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەت گىرەلىشىپ كەتكەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قىيىنچىلىقتىن قورقماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار ۋە تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم قەدەم تاشلاپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىنىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلىدى.

     − ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئاستىلاش جەريانىدا تەدرىجىي مۇقىملىشىشقا، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 74 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %6.7 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %30تىن ئېشىپ كەتتى. ئاھالە ئىستېمال باھاسى %2 ئۆرلىدى. سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئالدىنقى يىلى %2.3 كېمەيگەن بولسا، بۇ يىل %8.5 ئاشتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى %5 تۆۋەنلىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى روشەن ئۆستى.

     − ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆزلىمىدىن ئاشتى. پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 140 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىگىلىك تىكلىگەنلەر يەنە كۆپىيىپ، يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يىل ئاخىرىغىچە شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.02 بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ چوڭ دۆلەتتە بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرگىزمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس.

     − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرى سۈردۇق، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرىلەتتۇق، بىر تۈركۈم چوڭ قۇرۇلۇشلار ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

     − ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلەتتۇق. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. مۇلازىمەتچىلىك قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى سالمىقىنى %51.6كە يەتكۈزدۇق. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە جابدۇقچىلىقنى بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى مۇقىم ئاساستا ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئالدۇق.

     − يېڭى ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. پەن-تېخنىكا ساھەسىدە خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. گۈللەنمە كەسىپلەرنى جۇشقۇنلۇق بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش-ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا %24.5 ئېشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 مىڭ كارخانا كۆپەيدى، ئۇنىڭغا يەككە سودا-سانائەتچى قاتارلىقلارنى قوشقاندا ھەر خىل بازار سۇبيېكتىلىرى كۈنىگە يېڭىدىن 45 مىڭى كۆپەيدى. يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.

     ئۇل ئەسلىھەنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇردۇق. مۇساپىسى 1900 كىلومېتىردىن ئارتۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق، 6700 كىلومېتىردىن ئارتۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى، 290 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسىدۇق ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىدۇق. شەھەرلەردە رېلىسلىق قاتناش، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. 21 تۈرلۈك زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلىدۇق. يېڭىدىن 340 مىليون 4 - ئەۋلاد كۆچمە ئالاقە ئابۇنىچىسىنى كۆپەيتتۇق، ئوپتىك كابېل لىنىيەسىنى 5 مىليون 500 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇردۇق.

     − خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق. مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %6.3 ئاشتى. يېزىلاردا 12 مىليون 400 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئازايتتۇق، 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى كۆچۈرۈپ يۆلىدۇق. كەپىلىك رايوندىكى 6 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇنى، يېزىلاردىكى 3 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق خەتەرلىك ئۆينى ئۆزگەرتتۇق. مەملىكەت ئىچىدە ساياھەت قىلغانلار تېز كۆپەيدى، چېگرا ئاتلاپ ساياھەت قىلغانلار 120 مىليون (قېتىم)دىن ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تېخىمۇ ئۆستى.

     دۆلىتىمىز 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىجادىيلىق، يېتەكچىلىك، مېخانىزملىق خاراكتېرىگە ئىگە مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشتە چوڭقۇر جۇڭگو ئىزناسى قالدۇردۇق.

     ئۆتكەن بىر يىلدا پەۋقۇلئاددە يوللارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش كۈچىيىپ، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى خىرىسلار تاسادىپىي ۋە كۆپ يۈز بەرگەن تاشقى مۇھىتقا دۇچ كەلدۇق، دۆلەت ئىچىدە قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر، خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەر گەۋدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايغان قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرىپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەڭشىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار كۆپەيگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدۇق. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس، ياخشىلاش تېخىمۇ تەس. بۇ ھال شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقى ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەردىن غالىب كېلىدىغان جاسارەت، پاراسەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە، جۇڭگو ئىقتىسادى يوشۇرۇن كۈچ، ئەۋرىشىملىك ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

     بىز بىر يىلدىن بۇيان ئاساسەن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

     بىرىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق يېڭىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىدۇق. بۇلتۇر ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە نۇرغۇن قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدۇق، بىز «قاندۇرۇپ سۇغىرىش» شەكلىدىكى كۈچلۈك قوزغىتىش يولىنى تۇتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تاياندۇق، دائىرىلىك تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپەيگەن مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئاساسلىقى، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە سەرپ قىلدۇق. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىنى 570 مىليارد يۈەندىن ئارتۇقراق يەڭگىللەتتۇق، بارلىق ساھەلەرنىڭ باج سېلىقىنى كۆپەيتمەي ئازايتتۇق. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى كىرىمىنى ئايرىشنىڭ ئۆتكۈنچى لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، يەرلىك مالىيە كۈچىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ساقلانما قەرزىنى ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۆسۈم يۈكىنى تەخمىنەن 400 مىليارد يۈەن ئازايتتۇق. پۇختا پۇل سىياسىتىنى جانلىق، مۇۋاپىق يولغا قويۇپ، كەڭ مەنىدىكى پۇل M2نىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %11.3كە يەتكۈزدۇق، بۇ، %13 ئەتراپىدىكى كۆزلىمە نىشاندىن تۆۋەن بولدى. كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردۇق. ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق. ئەلئارا سېلىنمىغا ئىلھام بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، مەبلەغ سېلىشتا مۇقىم ھالەت شەكىللەندۈردۇق. ئۆي-زېمىن بازىرىنى تۈر بويىچە تەڭشەپ-تىزگىنلىدۇق. پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق.

     ئىككىنچى، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدۇق. پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك ساھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا 65 مىليون توننىلىق پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، 290 مىليون توننىلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق. تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىرقەدەر ياخشى ئورۇنلاشتۇردۇق. دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىقلارنىڭ شەھەر-بازارلاردىن ئۆي سېتىۋېلىشىغا مەدەت بېرىپ، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆي-زېمىن قالدۇقىنى تۈگىتىشتە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغنى بىۋاسىتە يۈرۈشتۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەقدارلىقنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنلاشتۇرۇش يولى بىلەن پايدارلىققا ئايلاندۇرۇپ، سانائەت كارخانىلىرى مۈلكىدىكى پاسسىپلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتۇق. كارخانىلارنىڭ تەننەرخ تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند» بويىچە ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھازىر جىددىي ئېھتىياجلىق ھەم كەلگۈسىگە پايدىلىق بىر تۈركۈم چوڭ ئىشلارنى قىلدۇق.

     ئۈچىنچى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بىر تۈركۈم بەلگىلىك، تۈۋرۈكلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت يادرولۇق مەسىلىنى چۆرىدەپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردۇق. مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداش ئاساسىدا بۇلتۇر يەنە گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە ئۇلار بەلگىلىگەن جايلار يولغا قويغان 165 تەستىق تۈرىنى بىكار قىلدۇق، تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ 192 تۈرىنى، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش ئىشلىرىنىڭ 220 تۈرىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇردۇق. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش»نىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»نى ئىلگىرى سۈردۇق. دۆلەت كارخانىلىرىنى تەڭشەپ قايتا تەشكىللەشنى ۋە ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. يېزا يېرىگە دائىر «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، نامراتلار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق. پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتتۇق، بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان تەقسىمات سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بازىرىنى قويۇۋەتتۇق. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى كېڭەيتىپ، دورا، داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى باھالاش-تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. تەبىئىي بايلىق ھوقۇقىنى بىر تۇتاش مۇئەييەنلەشتۈرۈش-تىزىملاش چارىسىنى تۈزدۇق، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، ھاردۇق ئالدۇرۇپ تېرىش ئىسلاھات سىناقلىرىنى قانات يايدۇردۇق، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئىسلاھات ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

     ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلىشىشنى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتتۇق. خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى غەللىسىگە رەسمىي كىردى. شېنجېن-شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى باشلىدۇق. تاشقى سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىن 12نى يېڭىدىن تەسىس قىلىپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنى تەدرىجىي مۇقىملاشتۇردۇق. شاڭخەي قاتارلىق ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلدۇق. ئىجازەتتە ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدىغان ئاز ساندىكى ساھەلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا تاشقى مەبلەغ كارخانىسى تەسىس قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتە تەستىقلاش تۈزۈمىنى پۈتۈنلەي ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتتۇق. ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 130 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە داۋاملىق 1-ئورۇندا تۇردۇق.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.