مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    دۆلەت شىنجاڭنىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ

    ئامانگۈل2017-03-20 10:04:00شىنجاڭ گېزىتى

    2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شىنجاڭدا ھەر توننا پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى 18 مىڭ 600 يۈەن بولىدۇ

      شى شىننىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2017-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن. پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەزگىلىدىكى يىلدا بىر قېتىم بېكىتىشتىن ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بېكىتىشكە ئۆزگەرتىلىدىكەن، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شىنجاڭدا ھەر توننا پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى 18 مىڭ 600 يۈەن بولىدىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، دۆلەت شىنجاڭدا پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى ئۈچ يىل نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويغان. ئۈچ يىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى بازارنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجى بويىچە شەكىللەندۈرۈش، باھا بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىنى ئايرىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش، توقۇمىچىلىق ئومۇمىي لىنىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنىڭ سۈپىتى ۋە بازاردىكى رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن تەمىنلىگەن.

     بۇ قېتىمقى پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: نىشانلىق باھانى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. پاختىنىڭ نىشانلىق باھا سەۋىيەسى يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىگە مۇۋاپىق دارامەت قوشۇلۇپ بېكىتىلىدۇ. مۇۋاپىق دارامەتنىڭ كونكرېت قىممىتى كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجى، مالىيەنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە بازارنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار ئۇنىۋېرسال نەزەردە تۇتۇلۇپ بېكىتىلىدۇ. باھا بېكىتىش دەۋرى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسىنى يىلدا بىر قېتىم بېكىتىش ئۈچ يىلدا بىر بېكىتىشكە ئۆزگەرتىلىدۇ. باھا بېكىتىش دەۋرى ئىچىدە پاختا بازىرىدا زور ئۆزگىرىش بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، نىشانلىق باھا سەۋىيەسى ۋاقتىدا تەڭشىلىدۇ. ياردەم پۇلى بېرىش ئۇسۇلى تەڭشىلىپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى نىشانلىق باھا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان پاختا مىقدارى يۇقىرى چەكتە تىزگىنلىنىدۇ، يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىرىگە ياردەم پۇلى بېرىلمەيدۇ.

     دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كېيىنكى باسقۇچتا ئالاقىدار تارماقلار ۋە رايونلار بىلەن بىرلىشىپ كۆزىتىپ باھالاپ، نىشانلىق باھا سىياسىتىنى دەل ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.