مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-03-20 10:00:05شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

     جاۋ جىيۈن

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى تەشكىللەپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، بۇ يىلقى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تاماملاپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا شەخسەن ئۆزى قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، مەزمۇنى مول ھەم چوڭقۇر ۋە سەمىمىي بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەم شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئېنىق تەلەپ قويۇلغان، مۇھىم يوليورۇق بېرىلگەن، ئۇ پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلمىي كۆرسەتكۈچ ۋە تۈپ مىزان.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» نىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، مېھىر-شەپقىتى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. «تۆت ئاڭ» نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور نەزەرىيەۋى قاراش، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سۆزنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، بىر قەدەر تېز تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي، شۇنداقلا خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.